ياپونىيىدە «خىتاينىڭ سىياسىي ئىسلاھاتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى» دەپ ئاتالغان خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

8-دېكابىر، ياپونىيىنىڭ شىگا ئۇنىۋېرسىتېتىدا، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن ئەنگلىيە كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا «خىتاينىڭ سىياسىي ئىسلاھاتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى-ئاتالمىش ئىككىنچى قېتىملىق مىللىي سىياسەت» تېمىسىدا خەلقئارالىق بىرلەشمە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

مەزكۇر يىغىن تۆت باسقۇچقا بۆلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بىرىنچى باسقۇچتىكى يىغىن باشلىنىشىدا شىگا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رەئىسى ئوتا كېيىچى بىلەن خەلقئارا ئالاقە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ئىشىدا خوئىلار سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىنى تەبرىكلىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پروفېسسورى خاۋ شىيۇەن «خىتاي مىللىي ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟» دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن. ئىككىنچى باسقۇچتا بولسا، ئىچكى موڭغۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ناسامبايار «ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاساسى گەۋدە قىلىش نەزىرىدىن مىللىي سىياسەتنى ئويلىشىش»، كوبې ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ۋاڭ كې «ئەنئەنىنى قايسى يەرگە قەدەر ئىزدىگىلى بولىدۇ؟»، شىگا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى بورجىگىن بۇرېنساين «مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىدىكى بوشلۇق-مەلۇم ئاپتونوم ناھىيىدىكى مىللىي سىياسەتكە بولغان چۈشىنىش ۋە ئەمەلىيەت» دېگەن تېمىلاردا دوكلات بەرگەن. ئۈچىنچى باسقۇچتا، بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جاڭ خەيياڭ «يۈز يىل مابەينىدە خىتايدىكى ئىجتىمائىي شەكىللەرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە»، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مارك ئېللىئوتت «يەرشارى نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتى توغرىسىدا ئويلىنىش»، كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئۇرادين ئې. بۇلاگ «مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىشىشى-خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈمى» دېگەن تېمىلاردا توختالغان.

تۆتىنچى باسقۇچتا بولسا، ئومۇمى مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مۇزاكىرىگە ئايچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، داڭلىق مىللىي سىياسەت تەتقىقاتچى كاگامى مىتسۇيۇكى، كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مۇراتا يۇجىرو، ۋاكو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى يۇھيوچونلار قاتنىشىپ، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتى توغرىسىدا ئۆزلىرىنىڭ مۇلاھىزىلىرىنى بايان قىلغان. مۇلاھىزىلەرگە كېمبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بۇلاگ ئەپەندىم رىياسەتچىلىك قىلغان.

بىز مەزكۇر يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، يىغىنغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان دوكتور تۇرمۇھەمەمت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

تۇرمۇھەمەد ھاشىمنىڭ ئېيتىشىچە يىغىن ئەتىگەن سائەت 9:30 دىن كەچ سائەت 5 يېرىمغىچە داۋام قىلغان بولۇپ، يىغىنغا ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مۇتەخەسسىس، تەتقىقاتچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، جەمئىي يەتتە يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشقان.

بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىننىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا دوكلات بەرگەن كوبې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭ كېنىڭ «ئەنئەنىنى قايسى يەرگە قەدەر ئىزدىگىلى بولىدۇ؟» دېگەن تېمىدىكى دوكلاتى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، ۋاڭ كې مەزكۇر ماقالىدە خىتاينىڭ گۇيلىن ئۆلكىسىدىكى باي جەمەتىنىڭ تۇڭگان كىملىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىدىن خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئويلىشىشى توغرىسىدا توختالغان.

دوكلاتنىڭ ئاپتورى ۋاڭ كې گەرچە ھازىر ياپونىيە گىراژدانى بولسىمۇ، ئەمما ئىلگىرى ئۇ خىتاي پۇقراسى ئىدى. ئىلگىرى ئۇ بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى كەسپىدە ئوقۇغان.1980-يىللارنىڭ ئاخىرى ياپونىيىگە كېلىپ، ئۇيغۇر تارىخىي ھەققىدە دوكتورلۇق كۇرسىدا ئوقۇپ تاماملىغان. ئۇنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دېگەن تېمىدا بولۇپ، ئۇ بۇ تېمىنى تاماملاپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ياپونىيىدىكى تەتقىقاتى ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بولۇپ كەلمەكتە. ۋاڭ كې «خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى كۈرەشلىرى بولسا پۈتۈنلەي، ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان، ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەت كۈرىشىمۇ مۇستەقىللىق كۈرىشى ئەمەس، پەقەتلا دىنىي قوزغىلاڭدىن ئىبارەت» دېگەن چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ئۇ 1990-يىلدىكى «بارىن ئىنقىلابى»نىمۇ پەقەتلا خىتايدىكى ئىقتىسادىي پەرق تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان توقۇنۇش دەپ قاراپ ماقالە يازغان ئىدى.

بۇ قېتىم ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلا خىتايدىكى تۇڭگانلار ھەققىدە ماقالە يېزىشى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلىرى ھەققىدە بىز دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.