ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ياسىكونى بۇزرۇكگاھى ئالدىدا پائالىيەت ئۆتكۈزدى

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 2009 - يىلىنىڭ بىرىنچى پائالىيىتىنى، 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى توكيو شەھىرىدىكى ياسىكونى بۇزرۇكگاھى ئالدىدا ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

بۇ پائالىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئەمەلىي ئەھۋالنى تونۇشتۇرۇش ۋارىقى تارقىتىلغان. بۇ پائالىيەتتە بىر كۈن ئىچىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە 12 مىڭ ئەتراپىدا ۋاراقچە تارقىتىلغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى، بۇ پائالىيەتنى ياسىكونى بۇزرۇكگاھىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈشىدىكى سەۋەپ ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ھەر يىلى يېڭى يىلنىڭ 2 - كۈنى ياپونلار ئالدى بىلەن خان ئوردىسىغا بېرىپ، خانغا سالىمىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇدۇل ياسىكونى بۇزرۇكگاھىغا كېلىپ، دۆلىتى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان قەھرىمانلىرىنىڭ مازىرىنى يوقلايدۇ. 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ياپون پادىشاھى 5 قېتىم چىقىپ خەلققە سالام بېرىدۇ، بىز بۈگۈن بۇ يەرگە ياپونلارنىڭ كۆپ كېلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلغان ۋاراقچىلارنى بۇ يەردە تارقاتتۇق، جەمئىي12 مىڭ ئەتراپىدا ۋاراقچە تارقاتتۇق. پائالىيىتىمىز ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولدى."

1 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىكى بۇ پائالىيەتتە يەنە نېمىلەر بولدى؟ تارقىتىلغان ۋاراقچىلارنىڭ مەزمۇنى نېمە؟ ياپونلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىشى قانداق؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەپ بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.