ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى رەسمى قۇرۇلدى

كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە شىمالىي ئامېرىكىدىن ئاۋسترالىيىگىچە، ياۋروپادىن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگىچە بولغان دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلار تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇپ، ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىدە سىستېمىلىق ھالدا ئۆز دەۋالىرىنى ئاڭلاتماقتا.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كۆپ بولسىمۇ، تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن بۈگۈنگىچە تەشكىلات قۇرۇلۇپ باقمىغان ياپونىيىدە 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىر ھەپتىدىن بېرى ياپونىيىدە زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپ ئۇيغۇر توكيودا بىر مېھمانخانىدا يىغىن چاقىرىپ جەمىيەتنىڭ رەسمى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يىغىندا ئېلىپ بېرىلغان سايلام نەتىجىسىدە ئىلھام ماخمۇت ئەپەندى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. بۇ تەشكىلات قانداق قۇرۇلدى؟ قۇرۇلۇش مەقسىدى نېمە؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ سۆزىدە ياپونىيىدە بۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىكى ئەڭ چوڭ بوشلۇقنى تولدۇرغانلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.