ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىر ياشقا تولدى (2)

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئەزالىرىنىڭ چەكلىكلىكىگە قارىماي تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ياپون خەلقى ھەم جەمئىيىتىگە ئاڭلىتىپ كەلمەكتە. بۇ تەشكىلات دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن - 2008 يىلى - 15 ئىيۇن قۇرۇلغان ئىدى، شۇنداقلا بۇ تەشكىلات ياپونىيىدە سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىردىن ‏- بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتى ھېسابلىنىدۇ.

0:00 / 0:00

مەزكۇر ياش تەشكىلاتنىڭ بىر يىللىقى ھارپىسىدا، بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن ياپونىيىدە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغان، ھازىر تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبى ھەم ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.