ياپونىيىدە «مۇستەقىلىققە ئۆزلۈكسىز ئىنتىلىۋاتقان شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ناملىق ئەسەر نەشر قىلىندى

يېقىنقى يىللاردىن بېرى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ ساندا كىتاب نەشر قىلىندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە يېقىندا ياپونىيە شىنچو نەشرىياتى تەرىپىدىن ياپونىيە دولەت مۇداپىئە ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور تاتەياما رىيوجى ئەپەندى يازغان «دۇنيادىكى دىنلارنىڭ خەرىتىسى» ناملىق كىتابتا «ئۆزلۈكسىز مۇستەقىلىققا ئىنتىلىۋاتقان شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ماۋزۇلۇق بۆلۈمى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

0:00 / 0:00

مەزكۇر بۆلۈمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، يېقىنقى ئەھۋالى ۋە شۇنداقلا دىنىي ئېتىقادى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان. مەزكۇر كىتاب 190 بەتلىك بولۇپ، كىتابتا ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۆزلۈكسىز ھالدا ئۆز مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

پروفېسسور دوكتور تاتەياما رىيوجى ئەپەندى يازغان «دۇنيادىكى دىنلارنىڭ خەرىتىسى» ناملىق كىتاب
پروفېسسور دوكتور تاتەياما رىيوجى ئەپەندى يازغان «دۇنيادىكى دىنلارنىڭ خەرىتىسى» ناملىق كىتاب

ئەسەرنىڭ ئاپتورى پروفېسسور دوكتور تاتەياما رىيوجى ئەپەندى ئۇزۇن يىل ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، ھازىر ياپونىيە دولەت مۇداپىئە ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە. بىز بۇ كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.