دوكلاتنى ياپونىيە-تەيۋەن تەتقىقات مەركىزى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئورتاقلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا خىتاي، تەيۋەن ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەردىن بولۇپ 70تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. ئۇ دوكلاتىدا خىتاينىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن ھېچقانداق ئورتاق تەرىپى يوقلۇقىنى، كوممۇنىست خىتايلارنىڭ ئوخشىمايدىغان بۇ ئىككى مىللەتنى مەجبۇرىي بىر يەردە ياشىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

لىن باۋخۇا دوكلاتىدا يەنە 2008-يىلى ليۇ شياۋبو تەييارلىغان «نىزامنامە» گە ئىمزا قويمىغانلىقى، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ بولسا بۇنىڭدا «ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشى كېرەك» دېگەن ماددىنى كىرگۈزمىگەنلىكى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن. بىز لىن باۋخۇئا ئەپەندىنىڭ بۇ دوكلاتى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.