«ياپونىيىنى خىتايلار مۇنداق ئۇسۇللار بىلەن بېسىۋېلىشى مۇمكىن» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

ياپونىيە ھىكارىراندو نەشرىياتى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى «ياپونىيىنى خىتايلار مۇنداق ئۇسۇللار بىلەن بېسىۋېلىشى مۇمكىن» ناملىق كىتابنى نەشر قىلدى.

0:00 / 0:00

مەزكۇر كىتاب ھازىر ياپونىيىدە ياشاۋاتقان تەيۋەنلىك خىتاي مەدەنىيەت تارىخچىسى، ئوبزورچىسى خۇاڭ ۋېنشۇڭ ئەپەندىنىڭ باش تەھرىرلىكىدە نەشر قىلىنغان. كىتاب جەمئىي 360 بەت، ئىككى بۆلۈم، يەتتە بابتىن تەركىب تاپقان.

مەزكۇر كىتابنىڭ تۆتىنچى بابىغا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇتنىڭ «سىرتقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن تۈرمىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى» ناملىق ماقالىسى، ئاسىيانىڭ ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىتتىپاق كېڭىشىنىڭ رەئىسى تىبەتلىك پىما گارپۇ ئەپەندىنىڭ «خىتايلار تىبەتنى قانداق بېسىۋالدى»، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئەركىن ئىتتىپاق پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى دايچىننىڭ «تەبىئەتنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشى»، مانجۇ مىللىتىدىن بولغان مىڭكا خانىمنىڭ «مانجۇرىيىنىڭ بايلىقلىرىنىڭ بۇلىنىشى» قاتارلىق خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئائىت ماقالىلەر كىرگۈزۈلگەن. ئۇندىن باشقا ياپونىيىلىك ناگايام ئەپەندىنىڭ «خىتاي سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ خىتاينىڭ ئىكەنلىكىنى دۇنياغا قانداق تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ؟» دېگەن ماقالىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن.

بىز مەزكۇر كىتاب ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.