ياپونىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن `خەلقئارالىق خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش` يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كەلگەن

4 - ۋە 5 ‏- ئاۋغۇست كۈنلىرى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن `خەلقئارالىق خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش` يىغىنىدا تەيۋەن، تىبەت مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ كۈن تەرتىپكە كەلگەن.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىنغا كانادا، شۋېتسىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن كىشىلەر قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشلىقى ئىلھام مەخمۇت قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان.

يىغىنغا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم، تىبەتلەرنىڭ لىدېرى دالاي لاما قاتارلىقلار خەت ئەۋەتكەن بولۇپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا بۇ خەتلەر ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.

يىغىندا قايسى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى، كىملەر ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە قانداق دوكلاتلارنى بەردى ؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان د ئۇ ق مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.