زاكات، سەدىقە ۋە باشقىمۇ ئىجتىمائىي ياردەملەر جەمئىيەت كىشىلىرى ئوتتۇرىسىدا قېرىنداشلىق، دوستلۇق ۋە ئىناقلىق تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرىدىغان، تەبىقىلەر ئارىسىدىكى مۇساپىنى يېقىنلاشتۇرىدىغان ياخشى ئىشلاردۇر.
ئانا ۋەتەنننىڭ ئوخشاش بولمىغان بىلىمگاھلىرىدا ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ئىلمىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئابدۇللا ھاجىم ئىمان ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى ھەققىدىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئابدۇللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت
ئابدۇللا ھاجىم مۇنداق دىدى:" سەدىقە - زاكات بەرگۈچى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش نىيىتى بىلەن بېرىدۇ. شۇڭا ئۇ كەمبەغەللەرگە مىننەت ياكى قوپال مۇئامىلە قىلالمايدۇ، ئۇلارنى كەمسىتەلمەيدۇ ۋە ئۆزىنى مەرت - سېخىي قىلىپ كۆرسىتىشكىمۇ تىرىشمايدۇ. چۈنكى ئۇلار سەدىقە - زاكات بېرىپ مىننەت قىلغۇچىلارنىڭ بەرگەن سەدىقىسى بىلەن زاكىتىنىڭ قوبۇل بولمايدىغانلىقىنى، نام - ئابروي قازىنىش نىيىتى ياردەم قىلغۇچىلارنىڭ ياردىمىدىن ئاللاھ بىھاجەت ئىكەنلىكىنى ۋە ساۋابتىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. سەدىقە - زاكات بېرىش بەرگۈچىنىڭ نەپسىنى بېخىللىق كىرلىرىدىن پاكلىغاندەك، ئۇنىڭ بايلىقىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ھەر جەھەتتىن كۆپىيىشىكە تۈرتكە بولىدۇ. مۇسۇلمانلاردىكى سەدىقە - زاكات بايلاردىن ئېلىپ كەمبەئىئەللەرگە بېرىلىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا:" ئۇلارنىڭ نەپسلىرىنى بېخىللىق كىرلىرىدىن پاكلىشىڭ ۋە ياخشىلىقلىرىنى كۆپەيتىشىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن بىر قىسمىنى زاكات ھېسابىدا ئالغىن" دەپ ئەمر قىلغان.
بۇ ئايەتتىكى پاكلاش ھەرگىزمۇ جىسمانىي جەھەتتىكى پاكلاش بولماستىن بەلكى روھىي ۋە ئەقىدە جەھەتتىكى پاكلاشتۇر. پۇل - مال يىغىشنى ۋە ماددىي ئاساسنى مەنىۋى ئاساستىن مۇھىم دەپ دەپ كېلىۋاتقان بىر ئىنسان ئۈچۈن ئۆزىدە تەۋە بولغان مال - دۇنيانىڭ مەلۇم پىرسەنتىنى قاراپ تۇرۇپ باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىش ئاسانغا چۈشمەيدۇ. بىراق مۇسۇلمان ئادەم ئۆزىنىڭ ئەقىدىسى ۋە ئەخلاقىنى مىزان قىلغان ھالدا، ئۆزى بىر جەمئىيەتتە بىرگە ياشاۋاتقان، بىر مەھەللىدە تۇرىۋاتقان، بىر مەسچىتتە، بىر سەپتە تۇرۇپ ناماز ئوقۇيدىغان، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى قىيىنچىلىق ئەھۋالدا قالغان كەمبەغەل كىشىلىرىگە سەدىقە - زاكات ۋە خالىسانە ياردەملەرنى قىلىپ ئۇلارنى يۆلەشنى، ئۇلارنى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرۇشنى دىنىي بۇرچ دەپ تونۇيدۇ. ۋاقتى - ۋاقتىدا سەدىقە ۋە ياردەملەرنى قىلىپ تۇرغان ئادەم ئاللاھنىڭ چەكسىز شەپقىتىگە ۋە ھېمايىسىگە ئېرىشىپ تۇرىدۇ."
سەدىقە ۋە زاكاتنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان ئەخلاق
ئابدۇللا ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، جەمئىيەتتىكى ھەممە ئادەمنىڭ كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىشى كۈتۈلمەيدۇ. چۈنكى ھەممە ئادەم باي بولمايدۇ. كەمبەغەل بولمىسىمۇ ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئاشۇرۇپ باشقىلارغا بىر نەرسە بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئوتتۇرھال تۇرمۇشتىكى كىشىلەرمۇ بار. مۇنداق كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا ياردەم قىلىمەن دېگىنىدىن ئاۋۋال ئۆز ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى قامدىشى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلاردىن ياردەم كۈتۈلمەيدۇ. ئەمما كەمەبەغەل، باي ۋە ئوتتۇراھال تۇرمۇشتىكى ھەر قانداق ئادەم، ھەتتا كەمبەغەللەرمۇ بېرەلەيدىغان بىر سەدىقە بار. ئۇ بولسىمۇ، كىشىلەرگە تەبەسسۇم بىلەن چىرايلىق مۇئامىلە قىلىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:" بىراۋنىڭ يۈزىگە تەبەسسۇم بىلەن قارىشىڭنىڭ ئۆزى سەدىقە بەرگەننىڭ ساۋابنى قازاندۇرىدىغان ياخشى ئىشتۇر. شۇنىڭدەك، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ يامان ئىشلاردىن توسۇش، يول سورىغانغا يولنى كۆرسىتىپ قويۇش، كىشىلەر ماڭىدىغان يولدىن تاش ۋە پاسكىنا نەرسىلەرنى ئېلىپ تاشلىۋېتىش، كۆزى كۆرمەيدىغان ئادەمنىڭ قولىدىن يېتىلەپ بارىدىغان يېرىگە ئاپىرىپ قويۇش، قانداقلا بىر ئۆچىرەتتە نۆۋىتىڭنى زۆرۈرىيىتى بار بىرىگە ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە سەدىقە بەرگەننىڭ ساۋابى بار."
بۇنداق ئاسان ۋە يېنىڭ سەدىقىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ئادەم يوق. شۇڭا ئىنسان ئىمكانىيەتلەر بىلەن ھېسابلىشىشتىن ئاۋۋال ياخشى نىيەت، دۇرۇسلۇق ۋە گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولسىلا ھەممە ئىش ئۆزلىكىدىن ئۆز يولىغا كىرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:" كىمكى تەقۋالىق قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەر قانداق بىر قىيىنچىلىقتا چوقۇم چىقىش يولى بېرىدۇ" دەيدۇ. ئايەتتىكى تەقۋالىق گۈزەل ئەخلاقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى ھەقىقىي تەقۋالىق گۈزەل ئەخلاقنىڭ مېۋىسىدۇر.