يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ۋىجدان ۋە پەزىلەت ئىگىسى ئىدى

مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى، قۇتادغۇبىلىكشۇناسلىق، پەلسەپەشۇناسلىق ساھەسى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولدى.

0:00 / 0:00

بىز ئالدىنقى پروگراممىمىزدا جىگەرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى، يېتۈك قەلەم ئىگىسى، مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن تەڭ ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك ئەمگەك مېۋىلىرى ھەمدە ئۇنىڭ ئاچچىق ھايات كەچمىشلىرى ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بەرگەن ئىدۇق.

مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ قەلبىگە ئەجدادلىرى، دۆلىتى، مەدەنىيىتى ۋە مۇقەددەس تارىخىدىن پەخىرلىنىش ئۇرۇقىنى سالغان يېتۈك بىر پېداگوگ ئىدى.

ئۇنىڭ ۋاپاتى ئىلگىرى ئۇنىڭدىن بىلىم ئالغان چەتئەللەردىكى ئوقۇغۇچىلىرى ھەمدە سەپداشلىرىنى ئېغىر قايغۇغا چۆمدۈردى، ئۇلار ئۇستاز يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق پەزىلەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىدە چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرغانلىقىنى بايان قىلىشماقتا.

جاھاندا شۇنداق مېھنەتكەشلەر باركى ئۇلار باغ بىنا قىلىدۇيۇ مېۋىسىنى يېمەي، خەلقىگە ئاتايدۇ. شۇنداق ئاددىي ئەمما ئۇلۇغ كىشىلەر باركى بىر ئۆزى شامدەك كۆيۈپ نۇرىنى باشقىلارغا، بارىنى چاڭقىغان قەلبلەرگە ئاتا قىلىپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. كىشىلەر ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنى تىلغا ئالغىنىدا يۇقىرىقىدەك بايانلار بىلەن ئۇلارنى سۈپەتلەشكە تىرىشىدۇ.

يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ياراملىق ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كەچكەن ئەنە شۇنداق پەزىلەتلىك، قابىل ئوقۇتقۇچى ئىدى. ئۇنىڭ مىڭلارچە ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ھەتتا چەتئەللەردە ئوخشىمىغان ساھەلەردە شان-شەرەپ قۇچماقتا، ئۇستازى تومۇرلىرىغا سىڭدۈرگەن مىللىي غۇرۇر ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنىڭ كۈچىدىن قەيەردە بولمىسۇن ئۆز خەلقى ۋە ۋەتىنىگە تۆھپە قوشماقتا.

ئاقسۇ تېلېۋىزىيىسىنىڭ سابىق دىكتورى، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى بولغان ھازىر نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان سەمەت ئىسرائىل ئەنە شۇ يارمۇھەممەد مۇئەللىمىڭ قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا بىلىم بەرگەن ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى. سەمەت ئىسرائىل ئەپەندى ئۇستازنىڭ ۋاپاتىدىن قايغۇرغانلىقنى ئەمما ئۇنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش مىڭلارچە ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ياشايدىغانلىقى، ئەسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى سىياسىي زىيانكەشلىك سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئالىم، شائىر-يازغۇچىلىرىنىڭ گاھىلىرى تۈرمىلەرگە مۇپتىلا بولغان بولسا، گاھىلىرى يارمۇھەممەد تاھىرغا ئوخشاش ئازاب يۇتۇپ، ئارىمىزدىن ۋاقىتسىز كېتىشتى، گاھىلىرى ئەل-يۇرتنى تەرك ئېتىپ ھىجرەتكە مەجبۇر بولدى.

ئەنە شۇنىڭغا ئوخشاش قىسمەتلەر بىلەن چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قەلەمكەشلەردىن، كانادادىكى شائىر تۇيغۇنجان ئابدۇۋەلى، ئۇيغۇر زېمىنىدا ئۆزى بىلەن ئوخشاش ھاۋادىن تەڭ نەپەسلىنىپ، ئوخشاش دەريادىن سۇ ئىچىپ، ئوخشاش مۇڭ-ھېسلارغا تەڭ بۆلەنگەن يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ جېنىغا زامىن بولغىنى دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي ۋىجدانلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا قاراتقان زۇلۇملىرى، دېدى.

تەقدىرنىڭ ھەر قىسمەتلەرگە باش ئەگمەي، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئۆزى ئاچچىق ۋە ئازابتىن زەھەر ئىچسىمۇ ئۆمرىدە 20 دىن ئارتۇق كىتابنى خەلقىگە تەقدىم قىلالىغان بۇ «ئەزىمەت» ۋە «ۋىجدان ۋە پەزىلەت ئىگىسى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان يازغۇچى، پېداگوگ يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇقنىڭ قەدرىنى ئۇنىڭ خەلقى قىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلىرى قىلىدۇ، سەپداشلىرى قىلىدۇ، ئۇلار مەرھۇمنىڭ بۇ دۇنيادا تارتقان ئازاب ئوقۇبەتلىرى ئەجرىگە روھىنىڭ جەننەتتە ئەمىن تېپىشىنى تىلىمەكتە.

بۇنى ئۇنىڭ ئۈچۈن تور بەتلەردە ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىۋاتقان مەرسىيىلەردىن، سېغىنىش بايانلىرىدىن كۆرەلەيمىز. پروگراممىسىز ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلەرگە يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ۋاپاتىغا ئاتالغان مەرسىيىلەردىن بىرى ئابدۇشۈكۈر قاۋۇلنىڭ مەرسىيىسىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا تەقدىم ئەتمەكچىمىز.

كاشىغەرى سۈپەتسەن، خاس ھاجىپ سۈپەت
بۈيۈكلۈك مۇقامىغا يەتكەن يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق خاتىرىسىگە
ئابدۇشۈكۈر قاۋۇل

«تۇغلۇقنىڭ يۇلتۇزى ساقىدى بۈگۈن...»
ئاڭلىدىم ھەسرەتكە تولغان بايانات.
كۈندۈزۈم كۆرۈندى بولۇپ قارا تۈن،
سۇنغاندەك گوياكى پەرۋازلىق قانات.
قاناتتا سۇنۇش بار، يۇلتۇزدا ساقىش،
ۋە لېكىن بەك بالدۇر سارقىپ كېتىپسەن.
بۇ ساقىش دوستلارغا بەئەينى بىر قىش،
دۈشمەنگە باھاردۇر بەلكىم گىرىمسەن.

ھە توغرا، سەن ئىدىڭ مېۋىلىك دەرەخ،
مېۋىسى باغجانلاپ مەي بولۇپ پىشقان.
شاخلىرىڭ بىھۇدە سۇندى، ۋادەرىخ!
تۆھمەتخور مەلئۇنلار، چۈنكى، تاش ئاتقان.

ئۇ تاشلار بەستىڭنى پەسلىتەلمىدى،
توننىلاپ نەپ بەردىڭ ئەكسىچە ئەلگە.
«دىۋان» غا، «بىلىك» كە شەرھى-پەر ئىدى
سەن تىزغان بويۇڭدەك توملار-قۇت بەلگە.

بۇ توملار مىڭ يىلنى ھايا شەكلىدە،
ئاۋامغا تۇتقۇزدى ئەڭگۈشتەر قىلىپ.
ئەڭگۈشتەر، ئەڭگۈشتەر، ئاۋام ئەقلىدە
مەھمۇد دەر، يۈسۈپ دەر، تۇغلۇق دەر بىلىپ،

ئېھ، تۇغلۇق مەن ساڭا جەننەت تىلەيمەن،
بىر ساڭا ئارمىغان بولسۇن بار جەننەت.
تىلەكتە ھەم سېنى شۇنداق كىنەيمەن
كاشىغەرى سۈپەتسەن، خاس ھاجىپ سۈپەت.

2012. 6. 10 ئۈرۈمچى