ئۇلار، نەپىس ئۇيغۇر ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مىللەتنى كانادا خەلقىگە تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر ئۇسۇلىنى كانادانىڭ كۆپ مىللەتلىك مەدەنىيەت غەزىنىسىگە يېڭى ئەزا سۈپىتىدە ئېلىپ كىرىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
ئالىمجان بىلەن ئالىيە ئۇيغۇر ئۇسۇلى بىلەن بىللە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇشنى ئۆز - ئارا بىرلەشتۈرگەن.
ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ كانادا تارىخىدا تۇنجى قېتىم كەسىپلەشكەن، ئۆلچەملىك ئۇيغۇر ئۇسۇلىنىڭ كانادا دۆلەت بايرىمى فېستىۋاللىرىدا، شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇر دېگەن نام بىلەن كانادا خەلقىگە تونۇشتۇرۇلۇشى ئىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز بۇ سەنئەت فېستىۋالىغا قاتنىشىپ ئۇسۇل ئورۇنلىغان ئۇسۇلچى ياش ئالىمجاننى زىيارەت قىلدۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.