بۇ ئىنتېرنېت ژۇرنىلى بولۇپ، ژۇرنالنىڭ تاش ۋارىقىغا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خەرىتىسى چۈشۈرۈلگەن. خەرىتە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن بېزەلگەن. خەرىتىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مەرھۇم رەھبىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئۇيغۇر دوپپىسى بىلەن چەكمەن چاپان كىيگەن رەسىمى، ئۈستىگە ئوسمان باتۇرنىڭ رەسىمى، سول تەرەپكە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رەسىمى قويۇلغان.
ژۇرنالنىڭ تاش ۋارىقىنىڭ ئۈستىگە "ياش تۈركىستان" سۆزى، ئاستىغا "شەرقىي تۈركىستان’ سۆزى يېزىلغان. ژۇرنالنىڭ بۇ سانى مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئاتالغان بولۇپ، "ئۇنتۇلغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان"، " مۇستافا چوقاينىڭ مۇجادىلىسى ۋە ياش تۈركىستان"، "شەرقىي تۈركىستانغا يېزىلغان خەتلەر"، ياۋۇز گۆكتۈرك يازغان "خەلقئارا قانۇن ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق"، ئالتان دۈندار يازغان "شەرقىي تۈركىستان ۋە زۇلۇم" قاتارلىق 10 پارچە ماقالە كىرگۈزۈلگەن.
بۇلاردىن باشقا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مەرھۇم ئوسمان باتۇر ۋە رابىيە قادىر خانىم قاتارلىق تونۇلغان شەخسلەرنىڭ قەھرىمانلىق ئىش- ئىزلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆز قاراشلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن. ژۇرنالغا رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇزۇن بىر سۆھبەت خاتىرىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم زىيارەت قىلغۇچىنىڭ 15 ئەتراپىدا سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. ژۇرنالدا يەنە تولگا ئارسلان يازغان "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى" تېمىسىدىكى ماقالىگە يەر بېرىلگەن.
بىز بۇ ژۇرنال ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن "ئۈلكۈ ئوجاقلىرى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ۋەقپى" تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى، ژۇرنالنىڭ باش تەھرىرى ئوسمان ئەرتۈرك ئۆزەل ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.