ئامېرىكىدىكى «ياش تۈركلەر» جەمئىيىتى ئۇيغۇرلارنى يېقىندىن قوللىماقتا

ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشايدىغان تۈرك، ئەزەربەيجان قاتارلىق تۈركىي مىللەت قېرىنداشلار ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ مىللىي داۋاسىغا يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ۋەتەنسۆيەر ياش تۈركلەر» جەمئىيىتى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي داۋاسىنى، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئامېرىكا جامائىتىگە ئاڭلىتىش، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. «ۋەتەنسۆيەر ياش تۈركلەر» جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تۇلگا تەكمان ئەپەندى مۇخبىرىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى بىلەن تونۇشۇش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆزىدە بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئوقۇش ۋە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان تۈركلەرنىڭ سانى 5 مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ تۈركلەر ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە جامائەتلىشىش، جەمئىيەتلىشىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كىملىكى، ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە شۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى تۈرك جەمئىيەتلىرى ھەم قېرىنداش مىللەت جەمئىيەتلىرى بىلەنمۇ قويۇق ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ قىزغىن ئىشتىراك قىلىپ كەلگىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە ۋە باشقا جامائەت پائالىيەتلىرىگە قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ كەلمەكتە. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نېۋ جېرسىي شتاتىدا بولغان «ۋەتەنسۆيەر ياش تۈركلەر» جەمئىيىتىدۇر. ئامېرىكىدا يوڭ تۇركس دەپ بىلىنىدىغان بۇ جەمئىيەت 1992-يىلى 3-ئاۋغۇست كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، 19 يىلدىن بېرى «قەلبىدە ۋەتەن ئىشقى بولغانلارنى قوينىغا ئېلىش، ئاتاتۈرك قۇرغان دۆلەتكە ۋە ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە ئىگە چىقىش» پرىنسىپى بويىچە پائالىيەت قىلىپ كەلگەن. «ۋەتەنسۆيەر ياش تۈركلەر» جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە جەمئىيەت باشلىقى تۇلگا تەكمان ئەپەندى سۆھبىتىمىزدە بىزگە بۇ جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى:

-جەمئىيىتىمىز بۇندىن 20 يىل ئاۋۋال ۋەتەنسۆيەر بىر ئېقىم بويىچە، ئاتا تۈركنىڭ ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ داۋالىرىغا ئىگە چىقىش ئۈچۈن قۇرۇلغان. كېيىن بىز قەلبىدە ۋەتەن ئىشقى بار بولغان ھەممە كىشىنى سېپىمىزگە قوشۇلۇشقا چاقىردۇق. بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئەزالىرىمىز بارغانسېرى زورىيىپ، ھازىر ئامېرىكىدىكى ھەممە شتاتلاردا شۆبىلىرى بولغان بىر جەمئىيەت ھالىغا كەلدۇق. بىز قۇرۇلغاندىن بېرى تۈركىيىنىڭ مەسىلىلىرىدىن ئېىشىپ، قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر يەنى شىمالىي سىپرۇستىكى تۈركلەرنىڭ مەسىلىسى بولسۇن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، بوسنىيىلىك تۈركلەر بولسۇن، چېچەنلەر بولسۇن، ھەممىسىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز.

دەرۋەقە، «ياش تۈركلەر» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى بىلەن تونۇشۇشى 1995-يىلى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ پارتلىشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ۋەقەدىن خەۋەردار بولغان جەمئىيەت ئەزالىرى دەرھال تەشكىللىنىپ نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسى ئالدىدا نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئالاقىدار ئورۇنلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنى جازالاش ھەققىدە تەكلىپ-پىكىرلىرىنى سۇنغان. مەزكۇر تەشكىلات ئۆتكەن جۈمە كۈنى يەنى 8-ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن يەنە ب د ت نىڭ نيۇيوركتىكى بىناسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا «ياش تۈركلەر» جەمئىيىتىدىن باشقا يەنە، ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئەزالىرى قاتناشقان. نامايىشتا تۈرك-ئامېرىكا جەمئىيەتلىرى ئۇيۇشمىسىغا ۋاكالىتەن ئىبراھىم قۇرتۇلۇش، تۈرك مۇزىكىسى جەمئىيىتىدىن يۈسۈف ئۆنەر ۋە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى پۈتتۈرگەنلەر جەمئىيىتىدىن فارۇق ئاجار ئەپەندىلەر قاتنىشىپ سۆز قىلغان. «ياش تۈركلەر» جەمئىيىتى 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسى مەزگىلىدىمۇ ۋە ۋەقەنىڭ بىر يىللىقى مەزگىلىدىمۇ نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش، ئاخبارات ئورگانلىرىغا خەت ئەۋەتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قىلىش بىلەن بىرگە، ب د ت نى خىتايغا جازا تەدبىرى يۈرگۈزۈشكە چاقىرىش، ئىمزا قويۇش پائالىيەتلىرىنى قىلغان. تۇلگا ئەپەندى سۆزىدە بىرلىك-باراۋەرلىكنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، كۈچنى بىرلەشتۈرگەندە ھەقىقىي ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى:

-بۈگۈن كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك، تۇنىستىن باشلاپ، بەھرايىنگىچە يىيىلغان دېموكراتىك خەلق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كىشىلەر بىرلىك ئىچىدە كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، ئۆز ھەققىنى ئىزدىمەكتە. خەلقئارانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشتا ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ، كوچىلارنى تولدۇرۇشى مۇھىم رول ئوينىدى. شۇڭا بىز ئالدى بىلەن ئۆز دەۋايىمىزغا ئىگە چىقىشىمىز كېرەك. بىز ھەممىمىز بىرلىشىپ، دەۋايىمىزغا ئىگە چىقىپ، شۇلارغا ئوخشاش كوچىلارنى تولدۇرغىنىمىزدا ئاندىن ئامېرىكا جامائىتىدىن ۋە باشقىلاردىن بىر مەدەت كۈتەلەيمىز. شۇڭا بىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە ئېھتىياجىمىز بار، ئىنسانغا ئېھتىياجىمىز بار، ئۆز-ئارا تايانچقا ئېھتىياجىمىز بار. ئىنسانلارغا كوممۇنىزمنىڭ باراۋەرلىك ئەپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى 1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارغا ئايرىمىچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. ئەپسۇسكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي كۈچى سەۋەبلىك بۇنى دۇنيا كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ. ئەمما بىز شۇنداقتىمۇ بۇ يولدىن قەتئىي قايتمايمىز، ئىرادىمىزنى يوقاتمايمىز، ھەر ۋاقىت بىرلىك-باراۋەرلىك ئىچىدە بۇ داۋانى ئېلىپ بارساق، بىر نەتىجە چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

تۇلگا تەكمان ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تانكا ئالدىغا قاراپ ماڭغان ئۇيغۇر ئايالنىڭ سىنئالغۇ كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ بۇندىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا يۈرەكتىن مەدەت بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ «ياش تۈركلەر» جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى، ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى، يۈرەكلىرىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ھەققانىيەتنى تانكىلار بىلەن باستۇرۇپ بولمايدىغانلىقىنى، ھەقىقەتنىڭ ھامان بىر كۈنى غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.