ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياش ئوقۇرمەنلىرىنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە باھا بەرگۈچىلەر "ئۇنىڭ پروزا ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تىگىشكە بولمايدۇ دەپ قارىلىپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇر روھىيىتىنىڭ نازۇك قاتلاملىرىغا بۆسۈپ كىرىپ، ئىپادىلەش قىيىن بولغان نازۇك تۇيغۇلارنى چىرايلىق شەكىللەر بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن " دەپ تەرىپلەشكەن ئىدى.
ئۇنىڭ "يىلان يىللىق قىز"،" ھېلىمنىڭ ھاممىسى"، "ئاققۇ"، "ئاجىرىشىش خىتابنامىسى"، "يىركىنىش"، " چىڭقى چۈشتىكى مۇھەببەت" قاتارلىق پوۋىست، ھېكايىلىرى ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىياتتىكى ئۆزىگە خاس ئىدىيىۋىي كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ بىرىدىغان ئەسەرلىرى بولۇپ، ئۇ بۇ ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئەنئەنىۋىي ئىجادىيەت ئۇسلوبىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنسان پىسىخكىسىئىدىكى نازۇك قاتلاملارغا يۇشۇرۇنغان، ئەمما ئېيتىشقا جۇرئەت قىللالمايدىغان خەتەرلىك رايونلارغا بۆسۈپ كىرىپ، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدا زاھىر بولىدىغان سىرلارنى ئاشكارىلاشقا جۇرئەت قىلغان ئىدى. ئۇ ياش ئەدىپ ۋە ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا تالانتلىق ۋە جۇرئەتلىك ياش يازغۇچى دەپ تەرىپلىنىشتىن سىرت، ئىنسانى پەزىلەت جەھەتتىمۇ ئۆزىنىڭ خۇشچاقچاق، چىقىشقاق مىجەزى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى.
ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كامدىن - كام ئۇچرايدىغان پىسخىك ئانالىز تىمىسىدىكى بىر قىسىم ئەسەرلىرى، پۈتكىلى ئون يىللارچە بولغان رومانى ۋە بىر قىسىم نەزىرىيىۋىي ماقالىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتتىق كونترول قىلىنغان نەشرىيات، تەھرىر بۆلۈملەر تەرىپىدىن سوغاق مۇئامىلىگە ئۇچراپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشەلمەي ئىشكاپلىرىدا بېسىلىپ قالغان ئىدى.
ئۇ بۈگۈن ئارىمىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى، ئۇ تېخى ياش ئىدى. ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېغىر مۇھىت بولغىنىش، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۈ بىرىۋاتقان ئېغىر ئىجىتىمائىي مەسىئىلىلەر، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا كىلىۋاتقان ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز روھىي بېسىم، جىسمانىي چارشاش، جەمئىيەتتىكى تەڭسىز، ئادالەتسىز مۇئامىلىلەر ئۇنىڭ قېنىغا زەھەر بولۇپ قۇيۇلدى. ئۇ ۋىجدانلىق، ھەق - ئادالەت كۆز قارىشى ئېنىق يازغۇچى ئىدى.
ھۈسەيىن تاش 1966 - يىلى 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى قەشقەر توققۇزاق ناھىيە بۇلاق سۇدا تۇغۇلغان. 1985 - يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردىمۇ تىرىشچان، تالانتلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، فاكولتىت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ غوللۇق خادىملىرىنىڭ بىرى ئىدى. 1989 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچى بىرىنچى ئاۋغۇست پولات - تۈمۈر شىرىكىتىگە قاراشلىق ئورتا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان، 1994 - يىلى پولات - تۈمۈر گېزىتىگە يۈتكىلىپ، تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە شۇ يەردە تەھرىر، باش تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ تالانتلىق يازغۇچى بولۇپلا قالماي يەنە، ئىقتىدارلىق قورقماس تەھرىر ئىدى، ئۇ باشقا تەھرىر بۆلۈملىرى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالمىغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئۆز گېزىتىدە ئىلان قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان ئىدى. مەسىلەن "ئەركىنلىكتە ئۆلۈش" ھېكايىسى بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالىدۇر.
ئۇنىڭ ئۆلۈمى يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئۇيغۇر ئېلىدە قاتمۇ - قات مەنىۋىي زۇلۇم ئاسىتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تىپىك پاجىئەسىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر خىل راك ۋە يۈرەك كىسەللىرى بىلەن ئۆلۈپ كىتىش ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دۇچ كىلىۋاتقان ئېغىر بىر ئاقىۋەتتۇر.