ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەممىنىڭ مەجبۇرىيىتى
2012.12.18
نۆۋەتتە يېزىلاردا دېھقانلار ئايدا 60 يۈەن ئەتراپىدا ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئىگە بولماقتا ئەمما، ياشانغانلار ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى سىستېمىسىدىكى بوشلۇق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك، بانكا سىستېمىسىدىكى مەۋجۇت ناچار خىزمەت ئىستىلى ۋە پارىخورلۇقلار، مۇشۇ ئازغىنە كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنىڭ ياشانغانلارنىڭ قولىغا تېگىشىگە قۇلايسىزلىقلار، توسالغۇلار ياراتماقتا.
ھەر قانداق بىر جەمئىيەتتە ياشانغانلار ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئىنسان ئەخلاقى ۋە جەمئىيەت ئەخلاقىنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى، دۆلەتنىڭ قانۇن ئارقىلىق ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداش، مەخسۇس ياشانغانلار ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئىقتىسادى جەھەتتىن ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.
خىتاينىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىنىڭ 4-ماددىسىدا «ياشانغانلار دۆلەت ۋە جەمئىيەتتىن ماددىي ياردەمگە ئېرىشىش ھوقۇقى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىسىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە» دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇن بويىچە ياشانغانلار 60 ياشتىن ئاشقانلارنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە نۆۋەتتە خىتاي ياشانغانلار ئىشلىرىغا ئاجراتقان مەبلەغ سېلىنمىسىنى تەدرىجىي كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ بۇنىڭغا ئاجراتقان مەبلىغىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات قەدىمىگە قارىغاندا يەنىلا تۆۋەن دېيىشكە بولىدۇ.
نۆۋەتتە يېزىلاردىكى ياشانغانلار ئايدا ئىگە بولىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى كىشى بېشىغا 60 يۈەن ئەتراپىدا. ئەسلى ياشانغانلار قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى ۋە باشقا تەمىناتلىرى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك، شۇنداقلا ئالاقىدار تارماقلار ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنى تولۇق بېرىشى شەرت، سەۋەبسىز ئارقىغا سوزۇشقا، ياكى ئىشلىتىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقىمۇ خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنىدا ئېنىق ماددىلار ئارقىلىق بەلگىلەنگەن.
ئەمما، رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە يېزىلاردىكى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان، تۇرمۇش مەنبەسى بولمىغان يار-يۆلەكسىز، پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ ئاشۇ ئازغىنە قۇتقۇزۇشىغا تايىنىپ ياشاۋاتقان ياشانغانلارنىڭ پۇلىنى قولىغا ئېلىشى نۇرغۇن توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىماقتا. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان، بۇ پۇلنى بانكا كارتىسى ئارقىلىق ئېلىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، خىتايچە ساۋاتى بولمىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا بۇ خىل ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى، ئەمەلىي ئىقتىدارىغا ماس كەلمىگەن تەرەققىيات نۇرغۇن قۇلايسىزلىقلار ياراتقان.
بۇ ھەقتە قەشقەرنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ئايال ئۆزىنىڭ بانكىدا داۋاملىق پۇلىنى ئالالماي قىينىلىۋاتقان ياشانغانلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ يولۇقۇۋاتقان ئاۋارىگەرچىلىكلىرىنى بايان قىلدى.
ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ياشانغانلار مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىش، پەقەت قانۇن ئارقىلىقلا ئىجرا قىلىنىدىغان نەرسە ئەمەس. بىر دۆلەتنىڭ ياشانغانلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنىڭ قانچىلىك ياخشى بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، پۈتكۈل جەمئىيەتتە، ھەر ساھەدە ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان، مۇۋاپىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى، ياشانغانلار ئۈچۈن مۇۋاپىق خىزمەت قىلىش ۋە يار يۆلەك بولۇش سىستېمىسىنى كۈچەيتمىگەندە شۇنداقلا ھەر بىر شەخس ئۆزىنىڭ ياشانغانلارغا خالىس ياردەم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايدىكەن، ياشانغانلار نىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى ئۆزىنىڭ ئەسلى ئەھمىيىتىنى يوقاتقان بولىدۇ.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى فوندىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن زۇبەيرە خانىم، ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىدىن، شۇ دۆلەتنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنىڭ قايسى دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى.