مەمەت توختى: خىتاي ھۆكۈمىتى ياشانغانلارنى كۈتۈش مەجبۇرىيىتىدىن قانداق قېچىشنىڭ كويىدا
2012.07.26
لايىھىدە ھەر يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە 9-سېنتەبىر كۈنىنى خىتاي ياشانغانلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىش «دائىم ئۆيگە قايتىپ يوقلاپ تۇرۇش» نى قانۇنغا كىرگۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىنسانىي مېھرى مۇھەببەت ۋاپادارلىق، ئەخلاق شۇنداقلا تۇغقاندارچىلىق ھېسسىياتنى قانۇن ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈشكە مەجبۇر بولماقتا، بۇنىڭغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللار نېمە؟ قانۇنغا باغلانغان بۇ خىل ھېسسىيات، ھەقىقىي مېھرى مۇھەببەت، ئىنسانىي ئەخلاق ھېسابلىنامدۇ؟ ئۇنىڭ ھەقىقىي كۈچى بولامدۇ؟
پۇقرالارنىڭ ياشانغان ئاتا، ئانىسىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇشى نورمال ئەھۋالدا دۆلەتنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش مېخانىزمىنىڭ سىرتىدىكى ئىنسانىي ئەخلاق قاتلىمىدىكى ئىش پائالىيەت شۇنداقلا ئۇ ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇش كاتېگورىيىسىدىكى، ۋىجدان بىلەن ئۆلچىنىدىغان ھېسسىيات پائالىيىتى. ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنى قانۇنىي جەھەتتىن نازارەت قىلىش ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.
ھالبۇكى 27-ئىيۇن جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتىدە «دائىم ئۆيگە قايتىپ تۇرۇش»نى خىتاينىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىغا كىرگۈزۈش ئېھتىماللىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ يەنە تور بەتلەردە «تۇغقاندارچىلىق ھېسسىياتىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداش، جۇڭگولۇقلارنى ئىنتايىن ۋاپاسىز كۆرسىتىپ قويىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش مۇلاھىزىلەر بېسىلدى. بۇنى قانۇنغا كىرگۈزۈشتە كۈچلۈك مۇلاھىزىلەر داۋام قىلماقتا.
خىتايدىكى ئەمەلىيەت شۇكى، خىتاي دۇنيادا ياشانغانلار نوپۇسى 100 مىليوندىن ئاشقان بىردىن-بىر دۆلەت، ياشانغانلار نوپۇس نىسبىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى خىتاينىڭ نوپۇس مەسىلىسىدە ئۇچراۋاتقان ئەڭ چوڭ خىرىس شۇنداقلا جەمئىيەت پاراۋانلىق قانۇنلىرىنىڭ نورمال تەڭپۇڭ يۈرۈشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ھەم رىقابەت يارىتىۋاتقان يادرولۇق مەسىلىنىڭ بىرى. خىتاينىڭ 6-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي بويىچە 60 ياش ھەم ئۇنىڭدىن ھالقىغانلار 178 مىليونغا يېتىپ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 13.26% ئىنى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭ ئىچىدە 65 ياشتىن ھالقىغانلار 19 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، بۇ، خىتاي ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 8.9% ئىگە باراۋەر. خىتاي ياشانغانلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ يېقىنقى دوكلاتىغا قارىغاندا خىتاينىڭ يېزىلىرىدا ياشانغانلار كۆپىيىش دەرىجىسى 15.4% كە يېتىپ شەھەرلەردىكى ياشانغانلار كۆپىيىش نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتكەن. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالى ھەمدە تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان دۆلەت تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى ۋە سىياسىتى تېخى ئىزدىنىش باسقۇچىدا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىجتىمائىي جەمئىيەت مېخانىزمىدىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئاتا، ئانىسىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە كۈتۈش، ئۇلارنىڭ ياشانغاندىكى كۈتۈنۈش چىقىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش نىسبىتى بارغانچە تۆۋەنلەپ بارماقتا.
ياشانغانلارنىڭ ئىگە چاقىسىز، يالغۇز قېلىشى خىتايدىكى ئومۇميۈزلۈك بىر ئەھۋالغا ئايلانغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى 2010-يىلى 13-ئىيۇلدا خىتايدا بىرىنچى ئەۋلاد يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا، ئانىلارنىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ، شەھەر، يېزىلاردا پەرزەنتلىرى ئۆي-ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن يالغۇز بېقىشسىز قالغان ئائىلىلەرنىڭ 50% كە يېتىدىغانلىقىنى، قىسمەن شەھەرلەردە 70% كە يېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. شۇنداقلا يالغۇز قالىدىغان ياشانغانلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى.
نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتايدا 80 ياشتىن ئاشقانلار بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى بىر مىليوندىن كۆپىيىدۇ، 12-بەش يىللىق پىلان جەريانىدا 26 مىليوندىن ئاشىدىكەن. بۇ زور كۆلەملىك ياشانغانلار نوپۇسنىڭ كۆپىنچىسى بېقىلىش، كۈتۈنۈشكە ئېرىشەلمەي زېرىكىشلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسىنىڭ بىر قوشۇلغان بىر خەۋەرلەر پروگراممىسىدا كۆرسىتىشىچە، خىتايدا ھازىر شەھەرلەردىكى ياشانغانلارنىڭ ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىش نىسبىتى 59%, يېزىلاردا بولسا 33% كىمۇ يەتمەيدىكەن.
ياشانغانلارنى ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم، خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈش شارائىتىغا ئىگە قىلىش، جەمئىيەت كىشىلىرى ئىنسانىي ئەخلاق مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگەندىن باشقا، ھۆكۈمەتنىڭ ياشانغانلار پاراۋانلىقىغا دائىر مۇكەممەل سىياسەت، تەدبىرلەرنى قوللىنىشىغا، تەرەققىياتقا ماس ھالدا ئېتىبار بېرىش، كۈتۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە باغلىق مۇرەككەپ مەسىلە.
خىتايدا ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ مەنىسىزلىكىنى، كاپالەتسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلە نېمە؟
خىتاينىڭ «دائىم ئۆيگە قايتىپ تۇرۇش» نى قانۇنغا كىرگۈزۈش ئېھتىماللىقىمۇ، ياشانغانلار دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۇچراۋاتقان بۇ بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يولىمۇ؟ بۇ ھەقتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەت توختى ئۆزىنىڭ مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ «خىتاي ئەمەلىيەتتە ياشانغانلار پاراۋانلىقىدىكى ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىدىن قاچماقتا» دېدى.
جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چىن ۋېنخۇينىڭ يېقىندا مەتبۇئاتلارغا بىلدۈرۈشىچە، 10 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ مالىيىدىن ئاجراتقان قوشۇمچە ياردەم پۇلى بىر تىرىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. خىتايلارنىڭ جان بېقىش پۇلى بولغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىدا زور يوچۇق بار بولۇپ مۆلچەرلىنىشىچە، 2013-يىلىغا كەلگەندە، خىتايدا ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىدىكى يوچۇق 18.3تىرىليون يۈەنگە يېتىدىكەن. بۇ يوچۇقنىڭ زورىيىشى خىتايدا دەم ئېلىشقا چىقىشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالغان.
چىن ۋېنخۇي قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەم ئېلىشقا چىقىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش، ياشانغانلارنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشكە دائىر سىياسەتلىرى، ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىدىكى بوشلۇقنى ۋە يوچۇقلارنى، ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە چوقۇم ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى زۆرۈر. ئۇلار يەنە «ئەگەر، خىتاي ھازىر قوللىنىلىۋاتقان ياشانغانلارنى كۈتۈش پۇلى تۈزۈمىنى مۇۋاپىق ئىسلاھ قىلماي يولغا قويغاندا، 15 يىلدىن كېيىن دەم ئېلىشقا چىققان كىشىلەر ئېھتىمال قاپلىق تاماققىمۇ ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن» دەپ ئوتتۇرىغا قويماقتا.