چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بەزى تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى نۇرمۇھەممەت ياسىن ۋە ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشىشى ھەمدە ئۇيغۇر ئەسەرلىرى ئىچىدە ياۋا كەپتەر ئەسىرىنىڭ بىر قەدەر كۈچلۈك تەسىر قوزغاۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىگە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلاردا بولسىمۇ، ئۇلار ئوخشاشلا نۇرمۇھەممەت ھەمدە ئۇنىڭ ئەسىرى ياۋا كەپتەرگە يۈكسەك باھالار بېرىپ كەلمەكتە.
مەركىزى نيۇيوركقا جايلاشقان، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن، دۇنيادىكى سىياسى بېسىمغا، دىكتاتور تۈزۈمگە قارشى پىكىر بايان قىلغان يازغۇچىلارغا بېرىلىۋاتقان Helmann كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ، بۇ يىللىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دۇنيادىكى 34 يازغۇچىنىڭ ئىچىدە، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىسى"ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى نۇرمۇھەممەت ياسىنمۇ بار.
نۇرمۇھەممەت ياسىن 1974 - يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ( بارچۇق) ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ 2004 - يىلى قەشقەر ئەدەبىياتىغا بېسىلغان مەزكۇر ئەسىرى ئارقىلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسى تارقاتقان دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان،ئۇ ھازىرمۇ تۈرمىدە ياتماقتا.
نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ ياۋا كەپتەر ناملىق بەدىئىي ئەسىرى ئىلگىرى رادىئومىزدا ئاۋازلىق ئىشلىنىپ تارقىتىلغاندىن باشقا، دوكتور دولقۇن قەمبىرى تەرىپىدىن ئىنگلىز ھەمدە خىتاي تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.
"ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسەر يەنە، تۈركىيىدە تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنغان ۋە يەنە گېرمانىيىدە "بود" نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە، گېرمانچە، تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە تۆت خىل تىلدا نەشىر قىلىنغان.
ياۋا كەپتەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە بولغان كۈچلۈك ئىستىكى ئىپادىلەنگەن ھەمدە ئەركىنلىك كۈرىشى مەدھىيىلەنگەن بولۇپ، نۇرمۇھەممەت ياسىنغا ئوخشاش يۈكسەك بەدىئىي تالانتقا ئىگە بىر يازغۇچىنىڭ پەقەت بىر ئەسىرى تۈپەيلى خىتاي تۈرمىسىگە سولىنىشى، ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيادىكى قەلەمكەشلەر ھەمدە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنى، ھەتتا ئۇنىڭ ئەسىرى بىلەن تونۇشقان ھەر قانداق بىر كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرماقتا.
"ياۋا كەپتەر" نىڭ تۆت خىل تىلدىكى يېڭى نەشرىنى تەييارلىغۇچى تۈرك يازغۇچىسىمەمەت ئايدەمىر ئەپەندى، مەزكۇر ئەسەر ھەم ئۇنىڭ ئاپتورىغا يۇقىرى باھا بېرىپ : "نۇرمۇھەممەت ياسىن تۈرك دۇنياسىدا دۇنياغا كەلگەن ئەڭ بۈيۈك يازغۇچى،" دېگەن ئىدى.
نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ ياۋا كەپتەر ناملىق ئەسىرى يەنە، شۋېتسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن يېقىندا شىۋېت تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ئەسەر يەنە جەمئىيەت تەرىپىدىن دۇنيادىكى قەلەمكەشلەر ئەركىنلىكىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تاللانغان 10 ئەسەرنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
مەزكۇر جەمئىيەت رەئىسى يازغۇچى چېڭ مەيجىڭ ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، 14 - ئۆكتەبىر شۋېتسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىدە بۇ ئون ئەسەر ئۈچۈن مەخسۇس دېكلاماتسىيە ھەم مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يازغۇچى چىڭ ئەپەندى "ياۋا كەپتەر دۇنياۋى سەۋىيىگە ئىگە ئىلغار ئەسەر بولۇش سۈپىىتى بىلەن تەڭ، يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىننىمۇ ئىنتايىن تالانتلىق،يۇقىرى سەۋىيىلىك يازغۇچى دېيىشكە بولىدۇ" دەيدۇ.
چېڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ئەسەرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۈگۈنكى يىغىندا مەزكۇر ئەسەرنى دېكلاماتسىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلاردىن كانادادا ياشاۋاتقان ياش شائىر تۇيغۇن ئابدۇۋەلى، نۇرمۇھەممەت ياسىن ۋە ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىشكە لايىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەسەر ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر يازغۇچى ھەم ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ خەلقئارادا بىر قەدەر كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىشىغا، بۇ يازغۇچىنىڭ شۇ ئەسىرى تۈپەيلى تۈرمىدە ئىكەنلىكى چوڭ رول ئوينىدى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى كۈرەش ئاتاخان، نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ 2009 - يىللىق Helmann كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن ئىنتايىن سۈيۈنگەنلىكىنى، ئۇنى خىتاي تەرىپىدىن ئېغىر بېسىمغا ھەم تەقىپكە ئېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ ۋەكىلى، بوغۇلغان ئۇيغۇر روھىنىڭ سىمۋولى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۇرمۇھەممەت ياسىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغاندىن بۇيان، خەلقئارا دىكى نۇرغۇن ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ھەمدە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيەتلىرى، جۈملىدىن خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزى يازغۇچىنى خىتاي تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
نۇرمۇھەممەت ياسىن مەسىلىسى نۆۋەتتە خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرىگە، قەلەمكەشلەرگە ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە ئالاقىدار يىغىنلاردا ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىنمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ "ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسىرى كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ، ھەر خىل مەتبۇئات يۈزىدە، دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بىر ۋەكىلى، ئۇيغۇر روھىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تونۇلماقتا.