'ياۋا كەپتەر' پەيدا قىلغان تەسىراتلار

ھېلىمۇ خىتاي تۈرمىسىدە ئازاپ چېكىۋاتقان ياش قەلەمكەش نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ "ياۋا كەپتەر" ناملىق بەدىئىي ئەسىرى بۇ يىل 9 - ئايدا گېرمانىيىدە نەشىردىن چىققان بولۇپ، تۈرك زىيالىيسى مەمەت ئايدەمىر ئەپەندىنىڭ ئەمگىكى بىلەن تۆت خىل تىلدا ھازىرلانغان بۇ ئەسەر گېرمانلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغان.

0:00 / 0:00

96 بەتلىك ئىنگىلىزچە، گېرمانچە، تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچىدىن ئىبارەت تۆت تىللىق بۇ كىتاب گېرمانىيە كىتاپخانلىرىدا بازارغا سېلىنىپلا قالماي، داڭلىق تور بەتلىرىدىمۇ كەڭ تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىغان.

"مۇشۇنداق بىر ئەسەرنىڭ ئاپتورى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان بولسا، دېمەك خىتاي ھۆكۈمىتى بىز غەربلىكلەر چۈشەنگەندىن نەچچە باراۋەر رەزىل ھەم رەھىمسىزكەن. بۇنداق بىر ھاكىمىيەتكە ئىتائەت قىلىپ ياشاشنىڭ ئۆزى جىنايەت.

10 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان يازغۇچى

مەلۇمكى، نۇرمۇھەممەت ياسىن 2004 - يىلى "ياۋا كەپتەر" ناملىق بۇ ئەسىرى تۈپەيلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ

بەختسىز كەچۈرمىشلىرى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈنگىچە تەسىر قوزغاپ كەلمەكتە. خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىغا ئوخشاش ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ۋە د ئۇ ق ھازىرغا قەدەر نامايىشلىرىدا نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن شۇئار توۋلاپ كەلمەكتە.

گېرمانىيىدە يېڭىدىن نەشىردىن چىققان بۇ كىتابنىڭ باش مۇقاۋىسىغا نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ سۈرىتى بېرىلگەن. "ياۋا كەپتەر" دېگەن ئاساسى نام ئاستىغا "10 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچراشقا سەۋەبچى بولغان ئەسەر" دەپ قوشۇمچە ماۋزۇ قويۇلغان. پەرۋاز قىلىۋاتقان كەپتەرلەردىن سىرت، ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ كىچىكلىتىلگەن سۈرىتى مۇقاۋىغا قىستۇرۇپ بېسىلغان.

ئاپتورنىڭ ئىدىيىسى ئالقىشقا ئېرىشىدىغان ئىدىيە

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىر يازغۇچىنىڭ جىنايىتى ھېسابلانغان "ياۋا كەپتەر" ناملىق بۇ ئەسەر نېمە ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتنىڭ بارغانسىرى كۈچلۈك دىققىتىگە ئېرىشىدۇ؟

بۇ ئەسەرنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن گېرمان زىيالىيسى بلۆننىڭېن خانىمدىن بۇ سوئالىمىزنىڭ جاۋابىغا ئېرىشتۇق. بلۆننىڭېن خانىم مۇنداق دەيدۇ: "مېنىڭچە، ياۋا كەپتەر ناملىق بۇ ئەسەردە كىشىلىك ئەخلاققا ياكى ئەقىلگە مۇۋاپىق بىر قانۇنغا مۇخالىپ كېلىدىغان ھېچقانداق سۆز ۋە مەزمۇن يوق. بۇ ئەسەردە ئاساسەن ئېكولوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىققا قارشى مەزمۇن ئەكىس ئەتكەن. ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ شۇئارى ۋە ۋەزىپىسى.. ئاپتورنىڭ ئىدىيىسى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىدىغان ئىدىيە. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، بۇ ئەسەر قايسىلا تىلغا تەرجىمە قىلىنسا كىشىلەردە ياخشى تەسىر قالدۇرىدۇ.

لېكىن مېنىڭ قەلبىمدە ئەڭ كۈچلۈك تەسىر قالدۇرغان تەرىپى، مۇشۇنداق ياخشى بىر ئەسەرنىڭ ئاپتورىنىڭ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچراش مەسىلىسىدۇر. ئەگەر نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن بۈگۈن بىر ياۋرۇپالىقنىڭ ياكى گېرمان يازغۇچىسىنىڭ بېشىغا كەلگۈدەك بولسا، پۈتۈن خەلق چۇقان سېلىپ، دۇنيانى بېشىغا كىيىدۇ. بۇنداق بىر مۇستەبىت ھۆكۈمەت بۇ يەردە بىردەممۇ مەۋجۇد بولۇپ تۇرالمايدۇ."

"بۇنداق بىر ھاكىمىيەتكە ئىتائەت قىلىپ ياشاشنىڭ ئۆزى جىنايەت"

ئۇيغۇر ھەۋەسكارى بلۆننىڭېن خانىم ئۆز پىكرىنى يەنە مۇنداق بايان قىلدى: "مۇشۇنداق بىر ئەسەرنىڭ ئاپتورى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان بولسا، دېمەك خىتاي ھۆكۈمىتى بىز غەربلىكلەر چۈشەنگەندىن نەچچە باراۋەر رەزىل ھەم رەھىمسىزكەن. بۇنداق بىر ھاكىمىيەتكە ئىتائەت قىلىپ ياشاشنىڭ ئۆزى جىنايەت. مەن بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ نىمە ئۈچۈن قوراللىق كۈرەشكە مۇراجىئەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بارغانسىرى چۇڭقۇر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن. ئاۋغۇست ئايلىرىدا قەشقەر، كۇچالاردا يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئاڭلاپ ھەيران بولغان ئىدىم. ئەسلىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەۋرى - تاقىتى توشقان ئىكەن. پىكىر ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى بولمىغان مىللەتنىڭ باشقا ھېچقانداق بىر ئەركىنلىكىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئەجەبلەنگۈدەك نەرى بار؟

ھېچقانداق بىر مىللەتنى زۇلۇم بىلەن يوقاتقىلى بولمايدۇ

"ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ياۋرۇپا، ئاسىيا ۋە ئامېرىكا خەلقلىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مۇھىم تېما. بۇنداق بىر مەجبۇرىيەتكە قارشى چىققان ۋە بۇ مەجبۇرىيەتنى ئەسلەتكەن يازغۇچىلارنى جازالىغان دۆلەت مۇقەررەر ھالدا زاۋال تاپىدىغان دۆلەتتۇر. ھېچقانداق بىر مىللەتنى زۇلۇم بىلەن يوقاتقىلى بولمايدۇ. دىكتاتور تۈزۈمگە تايىنىپ ھاكىمىيەتنى ئىدارە قىلىۋاتقان كۈچلەر دۇنيانىڭ نەرىدىلا بولمىسۇن، ھامان بىر كۈنى زۇلۇم چەككۈچىلەرنىڭ قولىدا ھالاك بولىدۇ."

بلۆننىڭېن خانىم مۇنداق دەيدۇ: "ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش ياۋرۇپا، ئاسىيا ۋە ئامېرىكا خەلقلىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك مۇھىم تېما. بۇنداق بىر مەجبۇرىيەتكە قارشى چىققان ۋە بۇ مەجبۇرىيەتنى ئەسلەتكەن يازغۇچىلارنى جازالىغان دۆلەت مۇقەررەر ھالدا زاۋال تاپىدىغان دۆلەتتۇر. ھېچقانداق بىر مىللەتنى زۇلۇم بىلەن يوقاتقىلى بولمايدۇ. دىكتاتور تۈزۈمگە تايىنىپ ھاكىمىيەتنى ئىدارە قىلىۋاتقان كۈچلەر دۇنيانىڭ نەرىدىلا بولمىسۇن، ھامان بىر كۈنى زۇلۇم چەككۈچىلەرنىڭ قولىدا ھالاك بولىدۇ."

ئارماندا ياشاۋاتقان يازغۇچىلار

دەرۋەقە، بىر پارچە ئەدەبىي ئەسەر ئۈچۈن 10 يىللاپ قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىش، بۈگۈنكى مەدەنىيەت دۇنياسىدا ئىنسانلارنىڭ ئەقلى قوبۇل قىلمايدىغان نەپرەتلىك ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. پىكىر ئەركىنلىكى ھەرقانچە قاتتىق قامال قىلىنغان مۇستەبىت دۆلەتتىمۇ بۇ قەدەر ئادالەتسىزلىك ۋە يولسىزلىقنى ئۇچرىتىش مۈمكىن ئەمەس.

نۇرمۇھەممەت ياسىندىن باشقا، يەنە توختى مۇزات، ئابدۇغېنى مەمتىمىن قاتارلىق قانچىلىغان ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى بىر پارچە ئەسەر ئۈچۈن قاماق جازالىرىغا ئۇچراپ، بۈگۈنگىچە خىتاي تۈرمىسىدە ياتماقتا. يەنە قانچىلىغان قەلەمكەشلەر ئۆز ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلدۇرالماي ھەسرەت چەكمەكتە.

ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەت

"ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسەرنى تۆت خىل تىلدا نەشىر قىلدۇرغان تۈرك زىيالىيسى مەمەت ئايدەمىر ئەپەندى يەنە، بۇ يىل 6 - ئايدا "ئۇيغۇر دىيارىغا زىيارەت" ناملىق كىتابىنى گېرمانچە ۋە تۈركچە تىللاردا نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، بۇ كىتابنىڭ 112 بەتلىك گېرمانچە نۇسخىسىغا 29 يېۋرو باھا قويۇلغان.

كىتابتا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىلىۋاتقان ئۆلۈم جازاسى، تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئازاپلىق ھاياتى، ئۇيغۇر مائارىپى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئە، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسىتى قاتارلىق كەڭ مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان.

مەمەت ئايدەمىر ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ، ئۆزى بىۋاستە كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان ئاساسلارغا تايىنىپ تۇرۇپ ئىسپاتلىغان.