' ياۋا كەپتەر ' ناملىق ئەسەرنىڭ گېرمانىيىدە نەشر قىلىنغانلىقى ھەققىدە تولۇقلىما مەلۇماتلار

ئۇيغۇر يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ "ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسىرى، گېرمانىيىدە تۆت خىل تىلدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ئەسەرنى ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۈرك يازغۇچىسى مەمەت ئايدەمىر ئەپەندى نەشرگە تەييارلىغان.

0:00 / 0:00

"ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسەر ئىلگىرى تۈركىيىدە تۈرۈك تىلىدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، بۇ نۆۋەت ئاپتورنىڭ مەزكۇر ئەسىرى گېرمانىيىدە "بود" نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە، گېرمانچە، تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە تۆت خىل تىلدا ناشىر قىلىنغان.

"ئەمما مەن شۇنى ئېيتالايمەنكى، نۇرمۇھەممەت ياسىنغا ئوخشاش بەدىئىي تالانتى ئىنتايىن يۈكسەك بولغان بىر شەخسنىڭ خىتايدا تۈرمىگە مەھكۇم بولۇشى، ئادەمنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. يازغۇچى بۇ ئەسەردە ئىپادىلىمەكچى بولغىنى ھەرگىزمۇ مۇھىت مەسىلىسى ئەمەس بەلكى ئىنسانى ئەركىنلىك."

كۈرەش ئاتاخان: " 'ياۋا كەپتەر' ناملىق ئەسەر ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تەقدىرى بىلەن ئوخشاش شەكىلدە مەيدانغا چىققان ئەسەر"

ھازىر گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى، تونۇلغان يازغۇچى كۈرەش ئاتاخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كىتابنىڭ گېرمان تىلىدا نەشىر قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تەقدىرى بىلەن ئوخشاش شەكىلدە مەيدانغا چىقىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

"ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسەرنى گېرمانچىغا تەرجىمە قىلغان مەمەت ئايدەمىر ئەپەندى، گېرمانىيىدە ياشايدىغان تۈرك يازغۇچى بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن مۈشكۈل ئىكەنلىكنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىككى كىتاب نەشر قىلدۇرغان.

ئۇ نەشر قىلدۇرغان كىتابلارنىڭ بىرى تۈرك تىلىدا، يەنە بىرى گېرمان تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، بۇ كىتابلار ھازىر گېرمانىيە ئاۋستىرىيە، گوللاندىيە شۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيىلەردە بازارغا سېلىنغان.

مەمەت ئايدەمىر ئەپەندى: "ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالدا ياشاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم"

مەمەت ئايدەمىر ئەپەندى "ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسەرنى گېرمانچىغا تەرجىمە قىلىش ۋە تۆت خىل تىلدا تۈپلەپ نەشر قىلدۇرۇش مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەمگە موھتاج خەلق ئىكەنلىكنى شۇڭا بۇ كىتابنى ئۇيغۇرلارغا بولغان ياردەم سۈپىتىدە نەشرگە سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

" مەن ئۆتكەن يىل ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولدۇم ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالدا ياشاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىككى كىتاب نەشر قىلدۇردۇم. بۇ كىتابنىڭ مەمتىمىن باتۇر تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى تۈركىيىگە بارغان ۋاقتىمدا كۆرگەن، ۋە شۇ ئاساستا بۇ كىتابنى قىلىپ گېرمانچىغا تەرجىمە قىلدىم. چۈنكى ئۇيغۇرلار ياردەمگە موھتاج ھالدا ياشاۋاتقان خەلق ئىكەن. ئۇيغۇرلار بىزنىڭ ئۆز قان - قېرىندىشىمىز. شۇڭا بۇ كىتابنى مەن تۆت خىلدا نەشرگە تەييارلىدىم."

مەلۇم بولۇشىچە، "ياۋا كەپتەر" نىڭ تۆت خىل تىلدىكى يېڭى نەشرى 15 - نويابىر گېرمانىيىدىكى بارلىق كىتابخانا ۋە كۈتۈپخانىلاردا تارقىتىلىدىكەن ھەمدە ياۋروپادىكى ئۈچ دۆلەتتە سېتىلىدىكەن.

مەمەت ئايدەمىر: " نۇرمۇھەممەت ياسىن تۈرك دۇنياسىدا دۇنياغا كەلگەن ئەڭ بۈيۈك يازغۇچى"

مەمەت ئايدەمىر ئەپەندى ياۋا كەپتەر ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى نۇرمۇھەممەت ياسىن ھەققىدە توختىلىپ، ئۇ تۈرۈك دۇنياسىدا تۇغۇلغان ئەڭ بۈيۈك يازغۇچى دەپ ئاتىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: " نۇرمۇھەممەت ياسىن ئاخىرقى ئەللىك يىلدا تۈرۈك دۇنياسىدا دۇنياغا كەلگەن ئەڭ بۈيۈك يازغۇچى. چۈنكى ئۇنىڭ ھېكايىسىنىڭ ئاخىرىدا ئانىسى ئوغلىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ. بۇ بىر ئىنساننىڭ قانچىلىك بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئانىسى ئوغلىنىڭ بېسىم ئاستىدا ياشىشىنى خالىمايدۇ. مەن بۇنى شەرقىي تۈركىستانغا بارغاندا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. چۈنكى ئۇ يەردىكىلەر پىكىر ئەركىنلىكى يوق."

"بۇ ئەسەردە ئىپادىلىمەكچى بولغىنى ھەرگىزمۇ مۇھىت مەسىلىسى ئەمەس بەلكى ئىنسانى ئەركىنلىك"

نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ "ياۋا كېتەر" ناملىق ئەسىرى گېرمان تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كىيىن، بۇ كىتابنى ئالدىن - ئالا ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولغان بەزى گېرمان ئوقۇرمەنلەر بۇ ئەسەرنىڭ مۇھىت ۋە ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ئاسراش باش تېما قىلىنغان ئەسەر ئىكەن دېگەن تۇيغۇغا كېلىپ قالغان، ئەمما مەزكۇر ئەسەرنىڭ تەرجىمانى مەمەت ئايدەمىر ئەپەندىنىڭ قارشىچە بۇ ئەسەر ھازىرچە تېخىمۇ كەڭ گېرمان ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئۇچراشمىغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ بۇ ئەسەرگە قانداق باھا بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەشنىڭ بۇرۇن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلدى.

"ئەمما مەن شۇنى ئېيتالايمەنكى، نۇرمۇھەممەت ياسىنغا ئوخشاش بەدىئىي تالانتى ئىنتايىن يۈكسەك بولغان بىر شەخسنىڭ خىتايدا تۈرمىگە مەھكۇم بولۇشى، ئادەمنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. يازغۇچى بۇ ئەسەردە ئىپادىلىمەكچى بولغىنى ھەرگىزمۇ مۇھىت مەسىلىسى ئەمەس بەلكى ئىنسانى ئەركىنلىك."

ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە تونۇلغان يازغۇچى كۈرەش ئاتاخاننىڭ بۇ ھەقتىكى قارشىمۇ ئوخشاش بولۇپ، ئۇمۇ ياۋا كەپتەرنىڭ ھەرگىزمۇ مۇھىت باش تېما قىلىنغان ئەسەر ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەمەت ئايدەمىر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، "ياۋا كەپتەر" دە ئۇيغۇر ئىلىدىكى رېئاللىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىكەن ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " مەن سىزگە بىر ئىشنى ئېيتسام. مەن كۇچارغا بارغان چېغىمدا، بىز ئۇيغۇر خانىم ماڭا يول باشچى بولدى. مەن 10 كۈن جەريانىدا بۇ ئايالنىڭ ئاغزىدىن كۇچارنىڭ نوپۇسى ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىدىم مەن ھەر قاچان بۇ ھەقتە سۇۋال سورىسام، ئۇ 'بىلمەيمەن' دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ نورمال ئىش ئەمەس ئىدى. ياۋا كەپتەردە دەل مۇشۇ ئەھۋال بايان قىلىنغان. ئۇ ئەسەردە بايان قىلىنماقچى بولغىنى بىر 'روھ.' يەنى روھ دېگىنىمىز، ئىنسانلارنىڭ پىكرى، چۈشەنچىسى، ۋە ئەركىنلىك دېگەنلىكتۇر. نۇر مەمەت ياسىن دەل مۇشۇنى چۈشەندۈرمەكچى بولغان."

مەمەت ئايدەمىر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ھازىر مەزكۇر كىتاب ھەققىدە ھەر تۈرلۈك ئېلان - تەشۋىقاتلارنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ ھازىر زاكاز قوبۇل قىلىشقا باشلىغان.

"ياۋا كەپتەر" ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورىنىڭ نۇرمۇھەممەت ياسىن، 1974 - يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ( بارچۇق) ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ 2004 - يىلى مەزكۇر ئەسىرى ئارقىلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسى تارقاتقان دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ياش يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىن يەنە، "ئوينايدىغان بالا بارمۇ"، "تۇنجى مۇھەببەت"، "يۈرەك يىغلايدۇ" ناملىق كىتابلارنى نەشر قىلدۇرغان ئىدى.