ياۋرو-ئاسىيا تەرەققىيات جەمئىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان «ياۋرو ئاسىيانىڭ 2023-يىللىق نىشانى» ناملىق ئىلمىي ئۇچرىشىش، ئەنقەرەنىڭ كەچىئۆرەن رايونلۇق ھۆكۈمىتىدىكى يۇنۇس ئەمرە كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. ياۋرو-ئاسىيانىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانى ھەققىدىكى تېمىلارنى مۇزاكىرە نۇقتىسى قىلغان بۇ يىغىنغا ياۋرو-ئاسىيا تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەسەن جەڭگىز، ياۋرو-ئاسىيا ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى باشلىقى پروفېسسور دوكتور جەلال ئەرباي، ياۋرو-ئاسىيا تەرەققىيات ھۆكۈمەتلەر بىرلىكى باش كاتىپى ۋە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى پارلامېنت ئەزاسى ئاناربەك قالماتوۋ، ياۋرو-ئاسىيا تەرەققىيات ھۆكۈمەتلەر بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئالئازىغ شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى سۇلايمان سالمانئوغلۇ، ئافغانىستان پارلامېنت ئەزاسى ئەنۋەر سەدات، سۈرىيە تۈركمەنلىرى تەرەققىيات جەمئىيىتى ئىجرائىيە باشلىقى ھەيسەم موللا ئالىي، موڭغۇلىيە قانۇن ئىجرا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پروفېسسور، دوكتور پولىس ئالباي چىڭگىس، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، ئۇندىن سىرت يەنە ئىراق ۋە تانزانىيىدىن كەلگەن بەزى ۋەكىللەت قاتناشتى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىمۇ تەكلىپ بىلەن مېھمانلارنىڭ قاتارىدا رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى ھەم خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەم مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆز قىلدى.
ئۇندىن باشقا يەنە «پۇتىننىڭ ياۋرو-ئاسىيا خىيالى»، «تۈركىيىنىڭ ياردىمى بىلەن قىرغىزىستانمۇ گۈللەنسۇن»، «ياۋرو-ئاسىيانىڭ مۇقىملىقى ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقى»، «ئىككى قۇتۇپ كۈچ تەڭپۇڭلۇقىدىن رايونلار ئارا كۈچكە يۆتكىلىۋاتىدۇ» قاتارلىق تېمىلاردىمۇ نۇتۇقلار سۆزلەندى.
بىز يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقى ھېدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.