پائالىيەتكە ئۇيغۇر، تۈرك، نوغاي، تاتار قاتارلىق تۈرك سىستېمىسىدىكى ۋە مىسىر ۋە ئىراق قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن ئەرەب سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئاكتىپلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىدىن باشقا، ئافغانىستان ھەم بوسىنىيىلىكلەرمۇ قاتناشتى.
پائالىيەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرىنچى قىسمىدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قول-ھۈنەرۋەنچىلىكى ئاساس قىلىنغان تۈرلۈك سوۋغات بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەكلىرى ۋە يېمەكلىرى كۆرگەزمە قىلىندى. ئىككىنچى قىسمىدا ناخشا-ئۇسۇل ۋە شېئىر-قوشاقلىرى ئورۇندىلىپ، ئۆزگىچە بىر تۇيغۇ بەخش ئەتتى. ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن گىرەلەشكەن تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ بىر يەردە جەم بۆلىشى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 6دە باشلىنىپ، 4 سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتتە ئىشتىراكچىلار ئۆز-ئارا دوستلاشتى، سوۋغات تەقدىم قىلىشتى ۋە خاتىرە رەسىملەرگە چۈشتى.

تۈرلۈك مىللەتلەردىن نامايان بولغان رەڭدار خاسلىقلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ گۆشلۈك پولۇسى ۋە پېتىر مانتىسى، كانۋاي كۆينەكلىرى، ئەتلەسلىرى ۋە نەقىشلىك بۇيۇملىرىدىن باشقا، دۇتار بىلەن ئورۇندالغان خەلق ناخشىلىرى زىيارەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.
ئۇيغۇرلارنى ئۇزۇندىن بىرى قوللاپ كېلىۋاتقان ۋەيس گۈنگۈر ئەپەندى پائالىيەت ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، «بۈگۈنكى بۇ پائالىيەت گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ياۋرو-ئاسىيا جۇغراپىيە بوشلۇقىدىن كەلگەن مىللەتلەرنى تۇنجى قېتىم بىر يەرگە ئەكېلىشىمىز بولۇپ، ئىككى قىسىمغا بۆلۈندى.
ئالدىنقى قىسمىدا مىللىي قىياپەتلىرى ۋە يېمەكلىرى كۆرگەزمە قىلىندى. بىر-بىرى بىلەن تونۇشۇش ھاسىل قىلدى. كېيىنكى قىسمىدا سەنئەت پروگراممىلىرى نامايان بولدى.
بىز بۇنى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز. بۇنىڭدىن مەقسەت بۇ قېرىنداشلارنىڭ ۋە بۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا دوستلىشىشىنى، ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە گوللاندىيىدىكى ھەرساھە ئەھلىلىرىگىمۇ يەتكۈزۈپ، بۇ يەردىكى مەۋجۇت ئىمكانىيەتلەردىن كۆپرەك پايدىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. مىسال ئۈچۈن بىر ئاز ئىلگىرى ئافغانىستانلىق بىر قېرىندىشىمىز تەرىپىدىن ئوقۇلغان بىر شېئىردا ئافغانىستاندىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىلىم ئىگىلىشى ئۈچۈن دەپتەر-قەلەم قاتارلىق ئوقۇش ئەسلىھەلىرىگە ئېھتىياجى بارلىقى تەسۋىرلەندى. مانا بۇ بىزنىڭ ئۇ يەرگە قىلىشقا تېگىشلىك ياردىمىمىزنى ئېنىقلاپ بەردى. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق ئەمەلىي مەسىلىلەر ھەققىدە پىلان-لايىھە تەييارلىسا ئۇلارغىمۇ ياردەم قىلىمىز» دېدى.