ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى بۇ يىلمۇ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى

خىتاي ھۆكۈمىتى 2-سېنتەبىر باشلىنىدىغان 2-نۆۋەتلىك «ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى» ھارپىسىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چىڭىتىۋاتقان بولۇپ، خەۋپسىزلىكنى قوغداشتا ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى تولۇقلىغان.

0:00 / 0:00

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەرمەنكە باھانىسى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىملىق تازىلاش ھەرىكىتى باشلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

2-نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى بۇ يىل 9-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ يىل يەرمەنكىگە 42 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتنىشىدىكەن. بۇ يىللىق يەرمەنكىنىڭ كۆلىمى بىرىنچى نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسىدىنمۇ چوڭ بولىدىكەن. ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ئاللىقاچان يەرمەنكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتكەن. بۈگۈن شىنخۇا تورىدىن چىققان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، ئالاھىدە ساقچىلارنىڭ يەرمەنكە بىخەتەرلىكىگە قاتتىق كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. دائىرىلەر يەنە، يەرمەنكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 19 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، ھەربىي ئاپتوموبىل، ئالاقىلىشىش ئاپپاراتى ۋە ئادەم تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا ئوخشاش تۈرلۈك بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىنى تولۇقلىغان.

ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈرۈمچى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى «2-نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسىنىڭ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشتا يۈزلىنىدىغان مەسىلىلەر تېخىمۇ جىددىي ۋە مۇرەككەپ» دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى بىخەتەرلىكنى ساقلاشتا يۈزلىنىدىغان رىقابەتلەر تېخىمۇ جىددىي ۋە مۇرەككەپ دېيىش ئارقىلىق نېمىنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇ رىقابەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان مەدەنىي، دىنىي، ئىقتىسادىي بېسىملار ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېچىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ خەلقئارا يەرمەنكىدە بىر نارازىلىق ھەرىكىتى يۈز بېرىشىدىن ۋە ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىن ئارقىلىق خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىگە تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولغان بولساقمۇ، تېلېفونىمىزغا چىققان خادىم بۇنداق مەسىلىلەردە رەسمىي باياناتچىنىڭ بايانات بېرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بايانات بېرىش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى.

خىتاي دائىرىلىرى 2011-يىلى ئېچىلغان بىرىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا ياۋرو-ئاسىيا كۆرگەزمە مەزگىلىدىمۇ ئىلگىرىكى يىللاردا ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى دەپ ئاتىلىۋاتقان يەرمەنكىدە مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان ئىدى. ئۇ قېتىملىق يەرمەنكە مەزگىلىدە ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا ھەتتا لەگلەك، كەپتەر ئۇچۇرۇشمۇ چەكلەنگەننىڭ سىرتىدا، كورلا، سانجى، تۇرپان، شىخەنزە قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ بىر قاتار تەدبىرلەر ئېلىنغان ئىدى. ياۋرو-ئاسىيا كۆرگەزمىسىگە بارغان چەتئەللىك مۇخبىرلار ئۈرۈمچى كوچىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تولۇق قوراللانغان ئامانلىق كۈچلىرى ۋە ھەر بىر بۇلۇڭغا توختىتىپ قويۇلغان ساقچى ئاپتوموبىللىرى ۋە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالغانلىقىنى ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقان ئىدى.

شۇ قېتىم ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردا، بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئايرودروملاردا ئۇيغۇر ئېلىگە ئۇچىدىغان يولۇچىلار ئايرىم تەكشۈرۈلۈپ، يولۇچىلاردىن ئايىغىنى سېلىش، بەلۋېغىنى چىقىرىش تەلەپ قىلىنغان ۋە يولۇچىلارنىڭ قولىدىكى يۈك-تاقا، نەرسە ‏-كېرەكلەر قايتا-قايتا تەكشۈرۈلگەن. كوچا-كوچىلاردا قوللىرىدا توقماق كۆتۈرۈۋالغان چارلىغۇچىلار شەھەر ئاھالىسىنى بىئارام قىلغان ئىدى. يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بولغان ئەتىگەن ۋاقتىدا شەھەر ئاھالىسىگە ئۆيدە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇق قىلغان، يەرمەنكە ئەتراپىدا تىجارەت قىلىدىغان بارلىق كۆكتات دۇكانلىرى تاقالغان ئىدى. ھەددىدىن ئاشقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى ئۈرۈمچىدىكى خىتايلارنىمۇ بىزار قىلغان ئىدى.

ئەمما، ھەر ۋاقىت ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەزىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم، مىللەتلەر ئىتتىپاق دەپ تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىللىق يەرمەنكە باشلىنىشتىن ئاۋۋال ئالدى بىلەن بىخەتەرلىكتىن سۆز ئېچىشى، نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى تولۇقلىشىدىن، بولۇپمۇ بىخەتەرلىك رىقابىتىنى «تېخىمۇ كەسكىن ۋە مۇرەككەپ» دەپ كۆرسىتىشىدىن قارىغاندا، ۋەزىيەتنىڭ بۇ يىلمۇ يەنە ئوخشاش بولىدىغانلىقى، ھەتتا ئىلگىرىكى يىللاردىنمۇ بەك قاتتىق بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەر قېتىم مۇشۇنداق بىر پائالىيەت ياكى بايرام كەلسە، ئالدى بىلەن ئامانلىقنى ساقلاش باھانىسى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى كەلگەن يۇرتلارغا قوغلاش، بىر قاتار تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇش ئارقىلىق باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق پائالىيەتلەرنى ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنى باستۇرىدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دەرۋەقە، ئالدىنقى يىلى يەرمەنكە ئېچىلىش ئالدىدا ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى بىر ئۇچۇم تېررورچىلارنىڭ يەرمەنكىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى ئالدىن بايقاپ، ئۇلارنىڭ پىلانىنى بىتچىت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.