گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 1-سېنتەبىردىكى «ياۋرۇ-ئاسىيا يەرمەنكىسى مۇقىملىقنى قوغداش سادالىرى ئىچىدە باشلاندى» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ باشلىقى جۇ خەيلۈن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە «بىخەتەرلىك كۈچلىرى بۇ قېتىمقى ياۋرۇ-ئاسىيا يەرمەنكىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان قانچە قېتىملىق ھەرىكەتنى بايقىدى ۋە پاش قىلدى» دېگەن. ئەمما كىملەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى، قانداق بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەن.
گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «مىڭ ئادەم خاتا تۇتۇلسا تۇتۇلسۇنكى، بىر ئادەممۇ توردىن چۈشۈپ قالمىسۇن» دېگەن كونا تاكتىكىسىنى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە قايتىدىن يولغا قويغان. زوراۋان كۈچلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملار ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە ھەرقاچان تەييار ھالەتنى ساقلىغان. كوچىلاردىكى قوراللىق قىسىملاردىن سىرت، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 550 ئورۇننىڭ ھەر بىرىگە 30-50 ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرغان. ھەربىر ئورۇن ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان ئىقتىسادىي چىقىم 160 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ باشلىقى جۇ خەيلۈننىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەش ھەل قىلغۇچ بىر جەڭ ئىكەن. ئالدىنقى ھەپتىلەر خىتاي ساقچى تەرەپ بۇ قېتىمقى ياۋرۇ-ئاسىيا يەرمەنكىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان قانچە قېتىملىق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرغان. بۇلارنىڭ بىرى، 8-ئاينىڭ 7-كۈنى پىچاق بىلەن قوراللانغان بىر ئەرنىڭ ھۇجۇمى بولغان. بىراق جۇ خەيلۈن بۇ ئەرنىڭ ئىسمىنى، نەگە قانداق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. ئۇ مۇخبىرلارغا يەنە، ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىكنى قوغداشقا مەسئۇل 20 مىڭ كىشىلىك كۈچ ھازىرلانغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ 10 مىنۇت ئىچىدىلا ھەرىكەتكە ئۆتەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى 8 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق كۆلەمگە ئىگە يەرمەنكىدىن ئورۇن ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئىككى كىشىگە يەتمەيدىكەن. مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتايلاردىن ئىبارەت ئىكەن. مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر كىشى، بۇ يەرمەنكىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ياكى كارخانىچىلىرىدا ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلغۇدەك ئىقتىساد ۋە سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ساتقۇدەك قۇۋۋەت يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 31-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا 1-دەرىجىلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئۈرۈمچى ھاۋا بوشلۇقىنى تىك ئۇچار ئايروپىلانلار قاپلىغان. بوشلۇقتا لەگلەك ئۇچۇرۇش، ھەرخىل ئۇچار جىسىم ئويۇنچۇقلىرىنى ئۇچۇرۇش، شار قويۇپ بېرىش، قۇشلارنى قويۇپ بېرىش قاتارلىقلار بىردەك مەنئى قىلىنغان. ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئۈچۈن تەييارلىنىپ تۇرغان قانچىلىغان ساقچى ئاپتوموبىللىرى، برونىۋېكلار كۆزگە چېلىقىدىكەن. تولۇق قوراللانغان چارلىغۇچىلار شەھەر كوچىلىرىدا ئۈزۈلمەي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.
خەۋەردە 18-ئاۋغۇست خوتەن ۋەقەسى ۋە 30-31-ئاۋغۇست قەشقەر ۋەقەلىرى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ئىككى قېتىملىق ۋەقەدە 30 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قار يىلپىزى ئالاھىدە ئەترىتى» بىلەن زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش ئەترەتلىرىنى خىتايدىن ئۇيغۇر دىيارىغا كىرگۈزۈپ تەرتىپ ساقلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن شۇنداقلا 8-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ئىككى ئاي داۋام قىلىدىغان ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.