ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش بۇ يىلى جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىغا نېسىپ بولغان بولۇپ، ھەر يىلى بىر ئۇنىۋېرسىتېت يىغىن ئۆتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋالىدۇ. ئامېرىكا پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى، تۈركىيە، پاكىستان، ئافغانىستان، رۇسىيە، ياپونىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆپلىگەن مۇتەخەسسىس قاتناشقان بولۇپ، تارىخ، تىل - ئەدەبىيات، مەدەنىيەت، سىياسەت، ئىجتىمائىي - ئىقتىساد، خەلقئارا مۇناسىۋەت قاتارلىق ھەر خىل مەزمۇنلار بويىچە دوكلات ئۇيۇشتۇرۇلغان.
بۇ يىغىننىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، كۆپلىگەن تېمىلار رايونلار بويىچىمۇ ئايرىلغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن،قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، ئۇيغۇر ئېلى، كاۋكازىيە، تۈركىيە ۋە باشقا رايونلاردىكى تۈرلۈك مەسىلىلەر مەخسۇس ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مۇزاكىرە قىلىنغان. مەركىزىي ياۋرو - ئاسىيا جەمئىيىتى خەلقئارا خاراكتېرلىق ئىلمىي جەمىيەت بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەر قايسى ئەللەرنىڭ مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقاتى بويىچە مۇتەخەسسىسلىرى ئەزالىققا قوبۇل قىلىنىدۇ. شتابى ئامېرىكىغا جايلاشقان بۇ جەمىيەت يىلدىن يىلغا تەرەققى قىلماقتا ۋە راۋاجلانماقتا.
جۈمە كۈنى رەسمىي ئىلمىي دوكلات بېرىش باشلانغان بولۇپ، ئەتىگەندە ئۆتكۈزۈلگەن ئىجتىمائىي - سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئائىت دوكلات بېرىش پائالىيىتىدە تاجىك، ئۆزبېك ھەم ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تاجىكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش مەسىلىلىرىگە ئائىت دوكلاتلار ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلمىي تەتقىقات بويىچە شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس مەتتۇرسۇن بەيدۇللانىڭ " دەريا بويىدىكى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئومۇمىي ئۆزگىرىشنىڭ كىچىك بىر مىسالى" ناملىق ماقالىسى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.
بۇ ماقالىدە، خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسىگە تەۋە دەريا بويى يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشى، مەدەنىيەت - مائارىپ ئۆزگىرىش، قوش تىللىق مائارىپ ۋە باشقا بىر قاتار مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مۇتەخەسسىس بۇ مەسىلىلەر بويىچە بىۋاسىتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ تەكلىماكان ئوتتۇرسىدىكى بۇ يېزىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدىكى بايانلىرى يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ھەم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى.
مەركىزىي ياۋرو - ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئون پارچە دوكلات قوبۇل قىلىنغان. ئۇيغۇرلار ھەققىدە بېرىلىدىغان دوكلاتلارنىڭ سانى يىلدىن يىلغا كۆپەيگەن بولۇپ، ئاساسلىقى ھازىرقى زامان تارىخى، ئۇيغۇر ئىجتىمائىي - سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي سالاھىيىتى ۋە باشقا مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان. ھازىر، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىزىقىش كۈچەيمەكتە.