ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن مەركىزى ياۋرو - ئاسىيا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلار تېمىسى سالماقلىق ئورۇندا

9 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەركىزىي ياۋرو - ئاسىيا ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ 9 - قېتىملىق خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

مەزمۇن دائىرىسى كەڭ، قاتناشقان ئادەم سانى بىر قەدەر كۆپ بولغان مەزكۇر خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماقالىلارمۇ ئوقۇپ ئۆتۈلدى شۇنىڭدەك بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

ئامېرىكا پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، ياپونىيە، رۇسىيە، تۈركىيە، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلىرى قاتناشقان بولۇپ، تېما مەزمۇنلىرى رايونلار بويىچىمۇ ئايرىلغان. مەركىزىي ئاسىيا، كاۋكازىيە، قارا دېڭىز ۋە ئىران، ئافغانىستان رايونى، موڭغۇلىيە ۋە سىبىرىيە ھەمدە ۋولگا بويلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ياۋرو - ئاسىيا رايونىدىكى تارىخ، تىل - مەدەنىيەت، دىن ۋە سىياسەت، ئىجتىمائىي - ئىقتىساد، ئېنېرگىيە ۋە سىياسىي ئىستراتېگىيە شۇنىڭدەك باشقا مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 دوكلات بېرىش مۇنبىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئالىملار ئۆز كەسىپ دائىرىسى بويىچە ئىلمىي دوكلات بەرگەن ۋە مۇنازىرە ئېلىپ بارغان.

ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى ۋە ئۇسۇللىرى يىغىننىڭ كەچلىك پائالىيىتىگە ھوزۇر ئېلىپ كەلدى

19 - سېنتەبىر كۈنى كەچتە بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ساھىبخانى جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياۋرو - ئاسىيا، رۇسىيە ۋە شەرقىي ياۋروپا تەتقىقات مەركىزى يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس كەچلىك زىياپەت ھەم ئىختىيارى ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېت باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى ۋە ئۇيغۇر ئۇسۇلى بىلەن باشلاندى.

مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۇسۇل گۇرۇپپىسى، يەنى ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىنى كىيگەن ئامېرىكىلىق قىز - يىگىتلەر ئاتاقلىق ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللانىڭ ئۈنئالغۇ لېنتىسىغا ئېلىنغان ناخشىسىغا ئۇسۇل ئويناپ، مەيدانغا يۇقىرى كەيپىيات قوشتى. سابىق ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە كومىتېتى قارمىغىدىكى ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسۇل ئانسامبىلىنىڭ ناخشىچىسى، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سۇلتان مەمەتوف ئەپەندى كۆپچىلىك ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش مۇزىكىلىرى ۋە مۇقاملىرىنى ئورۇنداپ، كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىمۇ ماقالە ئوقۇدى

مەركىزىي ياۋرو - ئاسىيا تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدىكى ئۆزگىچىلىك شۇكى، مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە ئون پارچە ئىلمىي دوكلات ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.

19 - سېنتەبىر كۈنى ئەتىگەندە ئۆتكۈزۈلگەن ئىجتىمائىي - سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئائىت دوكلات بېرىش سورۇنىدا تاجىك، ئۆزبېك ھەم ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش مەسىلىلىرىگە ئائىت دوكلاتلار ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلمىي تەتقىقات بويىچە شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس مەتتۇرسۇن بەيدۇللا " دەريا بويىدىكى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئومۇمىي ئۆزگىرىشنىڭ كىچىك بىر مىسالى " ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇغان . بۇ ماقالىدە خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسىگە تەۋە دەريا بويى يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشى ئەھۋالى يورۇتۇلغان.

ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس ئىككى ئىلمىي دوكلات سورۇنى تەشكىللەندى

20 - سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن "ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى تارىخشۇناسلىقى ھەمدە خىتاي تىلىدىن باشقا مەنبەلەر "ماۋزۇ ئاستىدا مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئامېرىكىدىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شون روبېرت " ئۇيغۇرىستان ئىدىيىسىنىڭ رۇسىيە ئىمپېرىيىسى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا مەيدانغا كېلىشى"، دوكتور نەبىجان تۇرسۇن " 20 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىگە ئائىت ئۇيغۇر مەنبەلىرى ۋە نۇقتىئىنەزەرلىرى" ھەمدە ياپونىيىلىك ئۇيغۇرشۇناس ئۇيغۇرلارنىڭ 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئەرز ھۆججەتلىرى ۋە ئىسلامىي ئەرزىيەت مەسىلىلىرىگە ئائىت ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر تارىخىغا قىزىققۇچىلار ۋە تەتقىقات قىلغۇچىلار قاتناشقان بۇ سورۇنغا جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى تارىخى بويىچە پروفېسسورى جېمس مىللۋارد رىياسەتچىلىك قىلدى، ئوخايو شتاتىدىكى مىئامى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس ۋە ئىقتىسادىي جۇغراپىيىسى ھەققىدە تەتقىقات يۈرگۈزۈۋاتقان پروفېسسور ستانلىي توپس ماقالىلارغا باھا بەردى. يىغىن ئاخىرىدا بەس - مۇنازىرە ۋە سوئال جاۋابلار داۋاملاشقان بولۇپ، ئاساسلىق سوئال - جاۋابلار نەبىجان تۇرسۇن ۋە شون روبېرتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ 20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى تارىخى تەتقىقاتىدا ئۇيغۇر مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىش ۋە ھازىرقى زامان سىياسىي ھەم مەدەنىيەت تارىخى ھەمدە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنىڭ كۈچىيىشى مەسىلىلىرىگە قارىتىلدى.

مەزكۇر يىغىننىڭ 21 - سېنتەبىر كۈنىدىكى سىياسەتشۇناسلىق مەسىلىلىرىگە ئائىت قىسمىدا يەنە مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت، قوش تىللىق مائارىپ مەسىلىلىرىگە قارىتىلغان بىر دوكلات سورۇنى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدا " شىنجاڭدا ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئورتاق ئىشلىتىلىشى ھەققىدە"،" " شىنجاڭدا ئانا تىل مائارىپى ۋە ئۇنىڭ ئۆتمۈشى ھەم بۈگۈنى"، " بىڭتۇەندە ئاپتونومىيە بارمۇ؟ " ماۋزۇلۇق ماقالىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

بۇلاردىن باشقا يەنە ھەر قايسى دوكلات سورۇنلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تۆت پارچە ماقالە ئوقۇلدى.

ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ سانى ئاشماقتا

خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق جەمئىيەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان مەركىزىي ياۋرو - ئاسىيا جەمىيىتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئون پارچە ماقالە ئوقۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر تېمىسى ئۈچۈن مەخسۇس ئىككى دوكلات بېرىش سورۇنى ئۇيۇشتۇرۇلۇش ھەمدە ياش ئەۋلاد ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دوكلاتلىرىغا سورۇن يارىتىپ بېرىش كۆرۈنەرلىك يېڭىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

نۆۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا، خارۋارد قاتارلىق بىر قانچە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلار تارىخى، تىل - مەدەنىيەت ۋە سىياسەت مەسىلىلىرى بويىچە دوكتورلۇق ھەم ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئىلمىي ماقالە يېزىۋاتقانلارنىڭ شۇنىڭدەك بۇ ساھە بويىچە تەتقىقات يۈرگۈزىۋاتقانلارنىڭ سانى ئاشماقتا.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر تىلىنى خېلى ياخشى ئۆگەنگەن بولۇپ، ئۇلار ئۆز تەتقىقاتلىرىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى ماتېرىياللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلىقىنى نامايەن قىلدى.