گۈەنتانامودىكى قالغان ئۇيغۇرلار ياۋرۇپاغا ئورۇنلىشالامدۇ ؟

بېرمۇداغا ئورۇنلاشقان 4 نەپەر ئۇيغۇر ئەركىنلىككە چىققاندىن كېيىن ئۇلار دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇلارنىڭ بېرمۇدادا قىلىۋاتقان ھەر بىر ھەرىكىتى خەۋەرگە ئايلىنىپ، بېرمۇدادا بۇندىن كېيىن نىمە قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بېرمۇداغا ماسلىشىش جەريانلىرى كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاۋاتقان بىر نۇقتا بوپقالدى.

0:00 / 0:00

ئەلۋەتتە بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە، گۈەنتانامودا قەپقالغان قالغان 13 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قەيەرگە ئورۇنلىشىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىمۇ كىشىلەر قىزىقىۋاتقان ۋە تالاش - تارتىش بولۇۋاتقان مەسىلىگە ئايلاندى. كىشىلەر ھەممىسى يىل ئاخىرىغىچە گۈەنتانامونى تاقاشنى پىلان قىلغان ئوبامانىڭ قايسى دۆلەتنى بۇ مەھبۇسلارنى ئېلىشقا كۆندۈرىدىغانلىقىنى قىزىقىش ئىچىدە كۈتمەكتە.

نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ئامېرىكىنى گۈەنتانامو تۈرمىسى مەسىلىسىدە قاتتىق ئەيىبلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما گۈەنتانامودىكى بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كەلگەندە بولسا ياردەم قولىنى سۇنماي قول قوشتۇرۇپ تۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ئىدى. دۈشەنبە كۈنى بولسا ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئۆزلىرىنىڭ گۈەنتانامودىكى تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ ئارقىدىنلا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامامۇ ئىتالىيىنىڭ گۈەنتانامو تۇتقۇنلىرىدىن 3 نەپەرنى ئېلىشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى، پىشقەدەم سىياسىي پائالىيەتچى ئەنۋەرجان ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

ئەسقەرجان ئەپەندى گېرمانىيىدە كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى ۋە قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بارىدىغان دۆلەت تاللىغاندا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.