ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزۈپ، تىبەت ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ يىللىق دىئالوگدا ياۋروپا كومىسسىيىسى ۋەكىللىرى تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارغا دائىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.06.16
Xitay-demokiratchi-xu-ping-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺑﺎﻫﺎﺭﻯ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻣﯘﻫﻪﺭﺭﯨﺮﻯ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰﭼﻰ ﺧﯘ ﭘﯩﯔ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺧﯘ ﭘﯩﯔ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

خىتاي بىلەن ياۋروپا كومىسسىيىسىنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ياۋروپا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلىشىچە، دىئالوگدا ياۋروپا كومىسسىيىسى تەرەپ يېقىندا سىچۈەننىڭ تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان گەنزى رايونىدىكى بىر لاما ئىبادەتخانىسىدىن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرگەن، شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن ياۋروپا سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دائىر قانداق كونكرېت مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

ياۋروپا كومىسسىيىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۈگۈن ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا، ئىككى تەرەپنىڭ خىتاي-ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى مەسىلىسىدە چوڭقۇر مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «بولۇپمۇ تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارنىڭ ۋەزىيىتى كۆرۈپ چىقىلدى» دېيىلگەن.

باياناتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلار يەنە دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكى، جۈملىدىن ھۆكۈمەتكە تىزىمغا ئالدۇرمىغان خرىستىئان چېركاۋلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە باشقا دىنىي گۇرۇھلارنىڭ مەسىلىسىنى ۋە شۇنداقلا ياۋروپا كومىسسىيىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قىسىم شەخسىي كىشىلىك ھوقۇق دېلولىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرى ۋە سىچۈەننىڭ كىرتى ئىبادەتخانىسىدىكى ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن تىبەت راھىبلىرىنىڭ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرگەن.

ياۋروپا كومىسسىيىسىنىڭ دىئالوگ ئۆمىكى خىتايغا مېڭىشتىن ئاۋۋال دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپادىكى بەزى ۋەكىللىرى مۇناسىۋەتلىك شەخسلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى بەرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق پائالىيەتچىسى مەمەت توختى ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىقى تۈرمىدىكى تۇتقۇنلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانغا 13 يىل بولدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ 13 يىلدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ياخشىلانمايلا قالماي، بەلكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارقىغا چېكىنگەن. پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭدىكى دىئالوگ دەل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايغا يۇمشاق قوللۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، دىئالوگنىڭ ئەھمىيىتىگە گۇمانى قارىشى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، دىئالوگنىڭ نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكىدە بەزى سەۋەبلەر بار. لېكىن ئەڭ مۇھىمى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ خىتاي مەسىلىسىدىكى سىياسىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشى كېرەك.

 ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەيلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بولسۇن، مەيلى ئامېرىكىنىڭ بولسۇن جۇڭگو مەسىلىسىگە بولغان قارىشى، جۇڭگو مەسىلىسىنى كۆزىتىشى ۋە جۇڭگو مەسىلىسىدىكى مۆلچىرى ناھايىتى بىر تەرەپلىمىلىك بولدى. ئۇلار بۇرۇن ئىزچىل جۇڭگو بىلەن بولغان سودا ئىقتىسادى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرسا، جۇڭگو ئىقتىسادى تەرەققىي قىلسا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى سىرتقا ئېچىلىدۇ. جۇڭگو تېخىمۇ ئەركىنلىشىدۇ، دېموكراتىيىلىشىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. لېكىن ھازىر بۇ قىياسنىڭ پۈتۈنلەي خاتالىقى ئىسپاتلاندى. ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن بولغان نۇرغۇن ئىشلاردا بۇ خاتا نۇقتىنى چىقىش قىلغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە قاراتقان سىياسىتىنى باشتىن ئاخىر كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشى كېرەك.»

ياۋروپا كومىسسىيىسىنىڭ باياناتتا ئەسكەرتىشىچە، پەيشەنبە كۈنكى دىئالوگ ئوچۇق-يورۇق ۋە دوستانە كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەشكە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى مەمەت توختى ئەپەندى، ياۋروپا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ ئەھمىيىتى قالمىغانلىقى، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى بار دۆلەتلەرنىڭ دىئالوگنى توختىتىپ، ھەر يىلى ب د ت دا خىتاينى تەنقىد قىلىش لايىھىسى سۇنۇلىدىغان بۇرۇنقى پوزىتسىيىگە قايتىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پەيشەنبە كۈنكى دىئالوگدا ياۋروپا كومىسسىيىسى تەرەپكە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، ئەنگلىيىلىك دىپلومات جېيمىس موراننىڭ رەھبەرلىك قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ خىتاي تەرەپكە ئىز دېرەكسىز غايىب بولغان كىشىلەرگە ئائىت بىر تىزىملىك تاپشۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى مەمەت توختى ئەپەندى، ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا 50 كىشىلىك ئۇيغۇر مەھبۇسلار تىزىملىكى تاپشۇرغانلىقى ۋە تىزىملىكتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جېيمىس موران خىتايغا تاپشۇرغان تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

لېكىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىدىكى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنى باشقا مەسىلىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈشى لازىم.

ئۇ، ياۋروپا-جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئېلىپ بېرىۋاتقانغا ئۇزۇن يىللار بولۇپ قالغان بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ ئەھۋال بىزنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ زادى قانچىلىك ئەھمىيىتى بار، دېگەن مەسىلىدە ئويلىشىشقا مەجبۇر قىلماقتا. مېنىڭچە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش لازىم. بىرىنچىسى، بىز بۇ خىل دىئالوگنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. پەقەت ئوچۇق-ئاشكارا بولغاندىلا ئاندىن بېسىم بولىدۇ. بۇرۇن كىشىلەر جۇڭگونىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلسا، ئۇلار يول قويىدۇ، دەيدىغان گەپلەر بار ئىدى. بۇ قاراش پۈتۈنلەي خاتا. ئەسلى ئوچۇق-ئاشكارا بولسا ئاندىن بېسىم شەكىللەندۈرىدۇ. ئىككىنچىسى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باشقا مەسىلىلەردىن ئايرىۋەتمەسلىك كېرەك. بۇ مەسىلە پەقەت كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدىلا تىلغا ئېلىنىپ، باشقا سورۇندا تىلغا ئېلىش ھاجەتسىز بولۇپ قالدى. شۇڭا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن باشقا مەسىلىلەر بىرلەشتۈرۈلۈشى لازىم. رەھبەرلەر بۇ مەسىلىدە بارلىق سورۇنلاردا تىلغا ئېلىشى كېرەك. ئۈچىنچىسى، كىشىلىك ھوقۇقنى سودا-ئىقتىسادى بىلەن بىرلەشتۈرۈش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن بۇ جۇڭگوغا بېسىم پەيدا قىلىپ، ئۇنى يول قويۇشقا مەجبۇرلىغىلى بولىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.