خىتايغا 3 كۈنلۈك زىيارەتكە چىققان ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ھېرمان فون رومپۇي، چارشەنبە كۈنى شاڭخەيدىكى ياۋروپا-جۇڭگو خەلقئارا سودا مەكتىپىدە نۇتۇق سۆزلەپ، قانۇننىڭ رولى ۋە قانۇن بىلەن ئىش بېجىرىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. رومپۇي 3 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى شاڭخەيدىكى مەزكۇر خەلقئارا سودا مەكتىپىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا، ئىقتىسادى تەرەققىيات بىلەن قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش چوقۇم ماس قەدەم بىلەن مېڭىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. رومپۇينىڭ يۇقىرىقى سۆزىنىڭ خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ بۇ سۆزلەرنى خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينى قانۇنسىز ئادەم تۇتۇپ، ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش بىلەن تەنقىد قىلىۋاتقان مەزگىلدە قىلغانلىقىدۇر.
رومپۇي، ياۋروپا-جۇڭگو خەلقئارا سودا مەكتىپىدىكى نۇتقىدا ئەسكەرتىپ، «قانۇن بىلەن ئىش بېجىرىش گۈللىنىۋاتقان زامانىۋى ئىقتىسادتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر زۆرۈرىيەت. بۇ بىز ۋاقىت ۋە تەجرىبىلەردىن، بولۇپمۇ ئەڭ يېقىنقىسى ئەرەب باھارىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئالغان ساۋاقتۇر» دەپ تەكىتلىگەن شۇنداقلا ئۇ يەنە، «ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات شۇنداقلا مۇقىملىقنىڭ ئىزچىللىقىنى قانۇن بىلەن ئىش بېجىرىش، ئىجتىمائىي ئادالەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاساسلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماي ساقلىغىلى بولمايدۇ» دەپ سۆزلىگەن. لېكىن رومپۇي يۇقىرىقى سۆزلەرنى يالغۇز شاڭخەيدىكى خەلقئارا سودا مەكتىپىدىلا تەكىتلىگەن ئەمەس. ئۇ ئالدىنقى ئايدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە ۋە تۈنۈگۈن مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغان ئىدى.
ئۇ مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدىكى نۇتقىدا ئەسكەرتىپ، قانۇن بىلەن ئىش بېجىرىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بىر خەلقئارا مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئۇ «ئەركىن سودا ۋە ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ئېھتىياج بولغان دۇنيادىن نېسىۋە ئېلىۋاتقانلارنىڭ كۆپرەك مەسئۇلىيەت ۋە ئۇنىڭ مۇقىملىقىغا كۆپرەك ھەسسە قوشۇشىغا توغرا كېلىدۇ. كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش ۋە قانۇن بىلەن ئىش بېجىرىش بۇنىڭ بىر قىسمى. خىتاي ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەر ئىككىسى ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش يولىدىكى تۈرلۈك كېلىشىملەرگە ئىمزا قويغان. شۇڭا بىزنىڭ ئوخشاش مەسئۇلىيىتىمىز بار. بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى نېگىزلىك قىممەت ئۆلچىمى. خىتاينىڭ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىش بېجىرىش ئۆلچىمىنى ئادا قىلىش يولىدا قوشىدىغان تۆھپىسى ئۇنىڭ كېلەچەكتىكى ئابرۇيىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ» دېگەن ئىدى.
لېكىن، رومپۇينىڭ خىتاينى قانۇن بىلەن ئىش بېجىرىشكە ئۈندەشتەك يۇقىرىقى چاقىرىقى بەزى ئانالىزچىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئەدلىيە سىستېمىسىدا قانۇن بىلەن ئىش بېجىرىش ئەمەلگە ئاشمايدۇ، دەپ قارايدىغان بەزى ئانالىزچىلار، خىتايدا ئەدلىيىنىڭ پارتىيىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى، ئەدلىيە مۇستەقىللىقى بولمىغان ئەھۋالدا قانۇن بىلەن ئىش بېجىرىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئامېرىكىدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، ئوتتۇرا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى ياڭ لىيۇي بۇ قاراشتىكى زاتلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«جۇڭگو كومپارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى قانۇنغا رىئايە قىلمايدۇ. مەسىلەن، سىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغا قارايدىغان بولسىڭىز، ئۇنىڭ ھەممىسىدە سۆز ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك، مىللەتلەر باراۋەرلىكى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ھوقۇقلار ئۇنىڭ بارلىق قانۇنلىرىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان. لېكىن كومپارتىيە بۇنىڭغا رىئايە قىلمايدۇ. مانا بۇ مەسىلىسىنىڭ تۈگۈنى.» ياڭ لىيۈي ئەپەندى يەنە ئەسكەرتىپ، خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىدا مەۋجۇت نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئۇنىڭ قانۇن-ئەدلىيە تەرتىپىنىڭ خەلقئارا قانۇن ئەدلىيە تەرتىپىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىدۇر، دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى خىتايدا ئەدلىيە مۇستەقىللىقىنىڭ يوقلۇقى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ياڭ لىيۈي «ئۇلاردا ھوقۇقنى 3 كە ئايرىش ئۇقۇمى يوق. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ھوقۇق ۋە ھاكىمىيەتتىكى ئۈستۈنلۈكى ئەڭ مۇھىم. ئۇنىڭ ئەدلىيىسى مۇستەقىل ئەمەس. ئۇنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى مۇستەقىل ئەمەس. ئۇلارنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى خۇددى رېزىنكە تامغىنىڭ ئۆزى. ئۇنىڭ ئەدلىيە، سوت ئورگانلىرىدا پارتىيە سېكرېتارى بار. شۇڭا جۇڭگودىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ چىقارغان قارارلىرىغا تامامەن سىياسەت ئارىلاشقان. بولمىسا جۇڭگونىڭ تۈرمىلىرىگە بۇنچىلىك كۆپ سىياسىي مەھبۇسلار، ۋىجدان مەھبۇسلىرى، دېموكراتلار ۋە ئۆكتىچىلەر سولانمىغان بولاتتى» دەپ كۆرسەتتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي 2000-يىللاردىن باشلاپ قانۇن-ئەدلىيە ھەمكارلىق پروگراممىسىنى يولغا قويغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى نۇرغۇن قېتىم لېكسىيە، سۆزلەش، ئېكسكۇرسىيە قىلىش، دىئالوگ ئېلىپ بېرىش، كۇرس ئېچىپ، خىتاي قانۇن خادىملىرىنى تەربىيىلەش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. ئۇلار بۇ ئارقىلىق خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلاردىكى قانۇن ۋە خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئاساسەن ئىش بېجىرىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشقان ئىدى. لېكىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى سوتلاش ئۇسۇلى ۋە شۇنداقلا يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئۆكتىچىلەرنى تۇتقۇن قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى قانۇنسىز نەزەربەند قىلىشى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن قانۇن-ئەدلىيە ھەمكارلىق پروگراممىسىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىش زۆرۈرىيىتىنىڭ بار-يوقلۇقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. ياڭ لىيۈي ئەپەندى، خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ خىل پروگرامما ۋە دىئالوگلارنىڭ ئۈنۈمىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ توختاپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ياڭ لىيۈي مۇنداق دەيدۇ:«ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو 2001-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۆتكەن ئايدا 10-قېتىملىقى ئېلىپ بېرىلدى. لېكىن بۇ ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئۈنۈم بەرمىدى. ئامېرىكا ھەر يىلى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىدۇ. ئارقىدىن جۇڭگو ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنى تىللاپ رەسۋا قىلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ دوكلاتىدا ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى جۇڭگودىن ناچار. ياۋروپا جۇڭگو بىلەن ئەدلىيە دىئالوگى ئېلىپ بېرىۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولدى. لېكىن بۇنىڭ قانچىلىك ئۈنۈمى بولدى؟ ئۆتكەن ئايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا پىسەنت قىلىپ قويمايدۇ. چۈنكى جۇڭگو مەدىنى دۇنيانىڭ ئۇنىۋېرسال قىممەت ئۆلچىمىنى قوبۇل قىلمايدۇ. خەلقئارا ئۇنىۋېرسال قىممەت ئۆلچىمى ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە باراۋەرلىك. شۇڭا ئۆتكەن ئايدىكى ئامېرىكا-جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. جۇڭگونىڭ بۇ ئۆلچەملەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈشى ئۈچۈن پەقەت ئۇنىڭ دېموكراتىيىلىشىشى كېرەك. بىراق دېموكراتىيىلىشىش بىر-ئىككى يىلدا ئەمەلگە ئاشىدىغان نەرسە ئەمەس. ۋېن جياباۋ سىياسىي ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلغان بىلەن قالغانلار مۇقىملىقچىلار. ئۇلار دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق مۇقىملىقنى بۇزىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ھەم شۇنداقلا ئەدلىيە دىئالوگى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ھېچقانداق نەتىجە بەرمىسىمۇ، يەنىلا داۋاملىق ئېلىپ بېرىش كېرەك، دەپ قارايمەن.»