شىمالىي ياۋرۇپادىكى ئىسلام دىنى جەمئىيەتلىرىنىڭ يىغىلىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ستوكھولىمدا 25 - دېكابىردىن 27 - دېكابىرغىچە ئۆتكۈزىلگەن شىمالىي ياۋرۇپادىكى ئىسلام دىنى جەمئىيەتلىرىنىڭ يىغىلىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

0:00 / 0:00

بۇ شىمالىي ياۋرۇپانى ئاساس قىلغان دۆلەتلەردىكى ئىسلام دىنى جەمئىيەتلىرىنىڭ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىدىغان يىغىلىشى بولۇپ، بۇ يىغىلىش 20 يىلدىن بىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە ئىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىلىشتا شىۋېتسىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى تۇنجى قېتىم يىغىن كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى سىياسى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

يىغىندا ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى فىلىم كۆرسىتىلىپ، فىلاندىيىدىن كىلىپ يىغىنغا قاتناشقان ئېلى قارىم راۋان ئەرەب تىلى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەردى.

ئارىلىقتا زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللا ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىشىدىكى مەقسىتى ۋە يەتكەن ئۈنۈملىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

يىغىنغا شىمالىي ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مىڭلىغان كىشىلەر قاتناشقاندىن سىرت، ئەرەب ئەللىرىدە نوپوزغا ئىگە بىر قىسىم دىنىي ئىلىم ئىگىلىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

ئابدۇللا ئەپەندى يەنە، مۇشۇنداق بىر مۇھىم يىغىلىشتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش پۈرسىتىگە ئىگە بولۇشنىڭ جەريانى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.