
بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىكى ئايروپىلان ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ۋە رابىيە قادىر خانىمنى تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. بۇ ئەھۋال ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر تۈركۈم ئەزالىرىنىڭ نارازىلىقىنى ۋە ئەندىشىسىنى قوزغىغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياۋروپا پارلامېنتى ئىچىدە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى ئومۇميۈزلۈك قوللاش ھەققىدە مۇراجىئەتنامە تەييارلانغان بولۇپ، مۇراجىئەتنامىگە ھازىرغا قەدەر 100 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسى ئىمزا قويغان.
"ئۇيغۇر خەلقىغە قارىتا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز"
ئۇيغۇر رايونىنىڭ نامى ئاشكارا ھالدا شەرقى تۈركىستان دەپ ئاتالغان مۇراجىئەتنامە مۇنداق باشلىنىدۇ: "بىز، بۇ مۇراجىئەتنامىگە قول قويغۇچىلار، شەرقى تۈركىستاندا ئۇزۇندىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ زالىمانە رېجىمىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىغە قارىتا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز."
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چېن گاڭ ئالدىنقى كۈنى، رابىيە خانىمنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىلى ئەمەس، ئاز ساندىكى تېررورچىلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ بايانات بەرگەنىدى، مەزكۇر پارلامېنت ئەزالىرى چېن گاڭنىڭ سۆزلىرىگە قېتىلالمايدىغانلىقىنى مۇراجىئەتنامىدە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: "بىز ئالىم ۋە ئابلىكىمدىن ئىبارەت ئىككى ئوغلى ھېلىھەم تۈرمىدە يېتىۋاتقان، ئۆزىمۇ خىتاي تۈرمىسىدە ئالتە يىل يېتىپ چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى ئىزچىل قوللايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم جاكارلايمىز."
"خىتاينى پۇقرالارنىڭ ۋە مىللەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز"
خىتاي، بۇلتۇر يىل بېشىدا پامىر تېغىدا ھەربىي مەشىق ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقى تۈركىستان كۈچلىرى بىلەن ئۆز قوراللىق قىسىملىرى ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققانلىقىنى ئاشكارىلىغان ۋە ئۇلارنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا 6 نەپىرىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىدى. خىتاي يەنە، بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىدىن ئىككىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە 15 نەپىرىنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇلارنىڭمۇ ئولىمپىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قەستىدە تەييارلىنىۋاتقانلار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈنمۇ، 7 - مارت كۈنىدىكى ئايروپىلان ۋەقەسىگە تەپسىلىي ئىزاھات بېرىپ، ۋەقە سادىر قىلغۇچىنىڭ 19 ياشلىق بىر ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان، ۋەقەنى ئۇزۇن مۇددەتلىك باش قاتۇرۇش ۋە ئىزدىنىشتىن كېيىن، ناھايىتى ئۇستىلىق ۋە ئۈستۈن ماھارەت بىلەن پىلانلانغان ئىنتايىن خەتەرلىك تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ بايان قىلغان ئىدى ۋە بۇ سۆزلىرىگە بىر قاتار پاكىتلارنى كۆرسەتكەن ئىدى.
ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى، يۇقۇرقىدەك قارشىلىق ھەرىكەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان تەرەپ ئۇيغۇر مىللىتى ئەمەس، بەلكى خىتاي دۆلىتى ئىكەنلىكىگە، يەنى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ رايوندىكى توقۇنۇشلارنىڭ يىلتىزى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ۋە بۇ قارىشىنى مۇراجىئەتنامىدە مۇنداق ئىپادىلىگەن: "ھەر خىل شەكىلدىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى باياننامىسىدۇر. بىز خىتاينى، ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان پۇقرالارنىڭ ۋە مىللەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھەقلەر كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز."
خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن بىر خەلقنى جىنايەتچى قىلىپ تەسۋىرلەيدىغان ئەيىبلەشلىرىدىن تامامەن ۋاز كېچىشى كېرەك
مۇراجىئەتنامىدە خىتاينى رىئايە قىلىشقا چاقىرغان مەزكۇر خەلقئارالىق كېلىشىم، 1966 - يىلى 16 - دېكابىر كۈنى تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ كېلىشىمنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىنىڭ بىرىنچى ماددىسىدا، دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ۋە بۇ كېلىشىمدە، مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىگەندىلا، كىشىلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىنىڭ ھەقىقىي تۈردە كاپالەتكە ئىگە بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ھەم مىللەتلەرگە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بېرىشنى، دۆلەتلەردە، رايوندا ۋە پۈتۈن دۇنيادا تېنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ چارىسى دەپ كۆرسەتكەن. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مەزكۇر ئەزالىرى يەنە ، خىتاينىڭ، ئايرىم ۋە ئاز ساندىكى ۋەقەلەرنى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئومۇمى ئېقىمى قىلىپ كۆرسەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق چاقىرىق قىلغان: بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى، پۈتۈن بىر خەلقنى جىنايەتچى قىلىپ تەسۋىرلەيدىغان ئەيىبلەشلىرىدىن تامامەن ۋاز كېچىشكە چاقىرىمىز.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، بۇ يىل بېشىدىكى ياۋروپا زىيارىتىدە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. رابىيە قادىر خانىم، ياۋروپا پارلامېنتىدا شەكىللىنىۋاتقان بۇ ئۇيغۇر ھېسداشلىقىنى ۋەتەن ئىچى - سىرتىدىكى مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ نەتىجىسى ۋە قەھرىمان ئۇيغۇر ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ غەلىبىسى دەپ كۆرسەتتى. (شۆھرەت ھوشۇر)