بۇ قارارنىڭ روھى بويىچە ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، لىتۋا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى لائىما ئاندرىكىيەنە خانىم تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان ئىنسان ھەقلىرىگە ئائىت بۇ دوكلات ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان.
ئۇيغۇر مەسىلىسى تۇنجى قېتىم بۇ دوكلاتقا شەرقىي تۈركىستان نامى بىلەن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەدەنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەستەن شەرقىي تۈركىستانغا خىتايلارنى يۆتكەپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
مەزكۇر دوكلات ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا ئەۋەتىلىدىغان بولۇپ، ياۋروپا پارلامېنتى بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىنى تەۋسىيە قىلىدىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى مەمەت توختى بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەر دېيىلگەنلىكى ۋە بۇ دوكلاتنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان تەسىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.