ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

12-ئاينىڭ 10-كۈنى كېلىدىغان خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 5-دېكابىر كۈنى بېلگىيىنىڭ پايتەختى بريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

يىغىندا خىتايدىكى ئادۋوكاتلار ئۇچراۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەندىن باشقا، نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى. گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا خەلقئارالىق كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بريۇسسېلدىكى مەسئۇلى باربارا خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى براد ئادامس ئەپەندى خىتايدا ئادۋوكاتلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە، خىتاي ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى در. شارون ھوم خانىم ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش خادىمى مەمەت توختى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى، قوش تىللىق مائارىپ ھەم ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

yawrupa-parlamentide-guvahliq-berish-yighini2-385.jpg
د ئۇ ق ياۋروپا پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش خادىمى مەمەت توختى ئەپەندى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى. 2011-يىلى 5-دېكابىر، بېلگىيە. (RFA/Erkin Tarim)

ئىرېلاندىيىلىك ئىنسان ھەقلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور راي مۇرپھى ئەپەندى «توقۇنۇش ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلغان. ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا پارلامېنت ئەزالىرى، ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى، ئىنسان ھەقلىرى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە مۇخبىرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ يىغىن ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

yawrupa-parlamentide-guvahliq-berish-yighini3-385.jpg
د ئۇ ق ياۋروپا پارلامېنتىدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش خادىمى مەمەت توختى ئەپەندى يىغىن ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتتە. 2011-يىلى 5-دېكابىر، بېلگىيە. (RFA/Erkin Tarim)