ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ئاياللىرى مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كەلدى

4 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە بريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا "خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىش مەسىلىسى: خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى - ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرى" ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلغان بولۇپ، ياۋروپا پارلامېنتى بىناسىنىڭ كارىدورىغا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئائىت ئېلانلار ئېسىلغان.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىن جەريانىدا ياۋروپا پارلامېنتىدىكى "لىبېراللار ۋە دېموكراتلار بىرلىكى" نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نىككولو رىنالدى ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇئىسا كوئان گىرىۋ خانىم قاتارلىقلار بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىردى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خانىمى ئەمىنە ئەردوغان "ياۋروپا يولىدا تۈرك ئاياللىرىنىڭ مەسىلىلىرى" تېمىسىدا چاقىرغان يىغىندا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەسىلىلىرى كۈن تەرتىپكە كەلدى. قىسقىسى، بۇ ئىككى كۈندە ئۇيغۇر مەسىلىسى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرنىڭ قاتارىغا كىردى.

بۇ يىغىنغا تۈركىيىنىڭ ئاياللارغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى سەلما ئالىيە قاۋاف خانىم ۋە ياۋروپا پارلامېنتى ئاياللار كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 400 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ قاتناشتى ۋە ئەمىنە ئەردوغانغا ئۇيغۇر ئاياللىرى مەسىلىسى ھەققىدە سوئال قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەسىلىلىرى يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە ئايلاندى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللارنىڭ ئېغىر بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى ۋە ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرىدىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە بۇ ھەقتە قېرىنداش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى ياكى نېمىلەرنى قىلىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى سورىدى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خانىمى ئەمىنە ئەردوغان بۇ سوئالغا جاۋاب بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.