4 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان يىغىنغا ئامېرىكا، تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 45 ئەتراپىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچى قاتناشماقتا.
بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن باشقا ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى، ياۋروپا لىبىراللار ۋە دېموكراتلار ئىتتىپاقى رەئىسى ماركو پانەللا ئەپەندى، مۇئاۋىن رەئىسى نىككولو رىنالدى ئەپەندى، ياۋروپا پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى باشلىقى گېئوففرەي خاررىس ئەپەندى، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى م گىبب ئەپەندى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرىتارى مارىنو بۇسداچىن ئەپەندى، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى مۇئاۋىن باشلىقى لۇيىسا كوئان گىرىۋ خانىم قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. رابىيە قادىر خانىم ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىنى ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئوقۇپ بەردى.
يىغىنغا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەسۇللىرى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى مەسۇللىرى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسۇللىرىدىن بولۇپ جەمىي 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى نىككولا رىنالدى ئەپەندى قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ 3 قېتىم شەرقىي تۈركىستانغا بارغانلىقىنى، ئۇ يەرگە بارغاندا ئۆزىنى ئاجايىپ بىر يەرگە بارغاندەك ھېس قىلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ بىرى ئۇ يەردە ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇر خەلقىنى كۆرگەنلىكىنى، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئەگەر خىتايلار خالىسا، خىتايدا خەلقلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان بىر تۈزۈمنى قۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنى قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
نىككولا رىنالدى ئەپەندى سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلدۇردى: "مېنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى تەكلىپىم، بىرىنچى خىتاي بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش. ئىككىنچىسى خىتايغا ئوچۇق سىگنال بېرىش. يەنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەمەلىي ئەھۋالنى ئوتتۇرىغا قويۇش. ئۈچۈنچىسى، خىتايغا قورال سېتىشنى توختىتىش يەنى خىتايغا ھەر ساھەدە چەكلىمە قويۇش كېرەك. مەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئۈمىدلىك. چۈنكى، دۇنيادا نۇرغۇن بۇنداق مەسىلىلەر ھەل بولدى. مەسىلەن شەرقىي تېمۇر مەسىلىسى."
ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى مەسۇلى گېئوففرەي خاررىس ئەپەندى خىتايدا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنىڭ بەك ئېغىر ئىكەنلىكى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى، خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن خىتاي دۆلىتى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
گېئوففرەي خاررىس ئەپەندى يەنە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى بىلەن خىتايلارنىڭ سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى، بۇنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى سۆھبەت ئېلىپ بارغاندا كۆپ مەسىلىنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
كېيىن، دالاي لامانىڭ ياۋروپادىكى باش ۋەكىلى تاشى ۋاڭدى ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ تىبەت مەسىلىسى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، مۇستەقىللىق بۇ ئىككى مىللەتنىڭ تەبىئىي ھەققى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ھازىر رىيالىست بولۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
كېيىن، دېموكراتىيىنى تەرەققى قىلدۇرۇش فوندىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇيىسا كوئان گىرىۋ خانىم سۆز قىلدى. ئۇ، د ت ق ف نىڭ بىردىن بىر مەقسىدىنىڭ دېموكراتىيىنى پۈتۈن دۇنياغا يېيىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ترانسىت رادىكال پارتىيە باشلىقى ماركو پانېللا، خەلقئارا كرىزىسلارنىڭ ھەممىسىنى دېموكراتىيە كىرىزىسى دېيىشكىمۇ بولىدىغانلىقىنى، بۇ مەسىلىلەرنى زوراۋانلىققا تايانماي تۇرۇپ ھەل قىلىشنىڭ يولىنى تېپىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. بۇلارنى ھەل قىلىش يولىنىڭ خەلقئارا قانۇن يولى بىلەن ھەل قىلىش يولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاندا ھازىر مىللى قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقلارغا قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن مۇتەخەسسىسلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ئاساسىي قانۇن ھەق ھوقۇقلىرى، ئاپتونومىيىنىڭ شەرھىلىنىشى تېمىلىرىدىكى ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ چىقتى. چۈشتىن كېيىن بولسا مۇتەخەسسىسلەر "خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە خەلقئارالىق ئۆلچەملەر بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداش" تېمىلىرىدا تەييارلىغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
بۇ يىغىننى ياۋروپا لىبىراللار ۋە دېموكراتلار ئىتتىپاقى، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئورتاق چاقىرغان.
ياۋروپا پارلامېنتىدا باشلانغان خەلقئارالىق ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىكى قىسمىنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكى ھەققىدە، كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ يىغىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورگانلاردىن بىرى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.