4 - ئاينىڭ 29 - 30 - كۈنىگىچە داۋام قىلغان يىغىنغا ئامېرىكا، تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. كېيىن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ زالىدا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
بۇ يىغىننى ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى، ياۋروپا لىبېراللار ۋە دېموكراتلار ئىتتىپاقى مۇئاۋىن رەئىسى نىككولو رىنالدى ئەپەندى ئۇيۇشتۇرغان.

مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرېتارى مارىنو بۇسداچىن ئەپەندى، ن ئې د مۇئاۋىن باشلىقى لۇئىسا كوئان گىرىۋ خانىملارمۇ قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
رابىيە قادىر خانىم ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا كۆپ ساندا مۇخبىرلار قاتناشقان بولۇپ، نۇرغۇن سوئاللار سورالدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ھەققىدىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.