ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان 'ئۇيغۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى` ئاخىرلاشتى

ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان `خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىش مەسىلىسى: خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى - ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى` ماۋزۇلۇق يىغىن 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئاخىرلاشتى.

0:00 / 0:00

4 - ئاينىڭ 29 - 30 - كۈنىگىچە داۋام قىلغان يىغىنغا ئامېرىكا، تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. كېيىن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ زالىدا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بۇ يىغىننى ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى، ياۋروپا لىبېراللار ۋە دېموكراتلار ئىتتىپاقى مۇئاۋىن رەئىسى نىككولو رىنالدى ئەپەندى ئۇيۇشتۇرغان.

Rabiye-xanim-Yawropa-parlamentida-Reis-sehniside-04-30-2010-305.jpg
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 4 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 30 - ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ، ﺑﯘ ﻳﯩﻐﯩﻨﻨﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﻰ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻟﯩﺒﯧﺮﺍﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﻧﯩﻜﻜﻮﻟﻮ ﺭﯨﻨﺎﻟﺪﻯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺳﯚﺯﺩﻩ. (RFA Photo / Erkin Tarim)

مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرېتارى مارىنو بۇسداچىن ئەپەندى، ن ئې د مۇئاۋىن باشلىقى لۇئىسا كوئان گىرىۋ خانىملارمۇ قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا كۆپ ساندا مۇخبىرلار قاتناشقان بولۇپ، نۇرغۇن سوئاللار سورالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ھەققىدىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.