ياۋرۇپا پارلامېنتىدا 'خىتايدىكى دېموكراتىيىنىڭ 60 يىللىقى' ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە بولسا، "شىنياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" قۇرۇلغانلىقىنىڭ 54 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكچى بولىۋاتقان بىر چاغدا، ياۋرۇپا بىرلىكى بۇنىڭغا قارشى بىر كۈن بۇرۇن، يەنى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ياۋرۇپا پارلامېنتىدا "خىتايدىكى دېموكراتىيىنىڭ 60 يىللىقى" ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 60 يىلدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە ئېلىپ بارغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلىگەن.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىنغا ياۋرۇپا پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىدۋارد ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىنغا ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ رەھبەرلىرى، مەشھۇر سىياسەتچىلەر، خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە فالۇنگوڭچىلارنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ 150 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەكلىپكە بىنائەن قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتى توغرۇلۇق ئەتراپلىق دوكلات تەقدىم قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ بايرام كۈنىنى ئۇيغۇرلارنىڭ "ماتەم كۈنى" دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئاپتونوم رايون قۇرۇلغىلى 54 يىل بولغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ ھوقۇقتىن قىلچە بەھرىمان بولالمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىزچىل قانلىق رەۋىشتە باستۇرۇلۇپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، 5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىدىن كەڭ مەلۇمات بەرگەن.

يىغىندا يەنە ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن توماس.مان، ئىۋا خانىم، گرام ۋاتسۇن قاتارلىق كىشىلەر ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە فالۇنگوڭچىلار ھەققىدە دوكلات تەقدىم قىلغان. دالاي لامانىڭ ياۋرۇپا بىرلىكىدىكى ۋەكىلى پاشىۋاڭجى، فالۇنگوڭچىلارنىڭ ۋەكىلى مانيۇئەن قاتارلىقلارمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىلدىن بېرى ئېلىپ بارغان سىياسىتىنى ئەيىبلەپ دوكلاتلار تەقدىم قىلغان.

دوكلات تەقدىم قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە فالۈنگوڭچىلار توغرۇلۇق سوئال سوراپ، خىتايدىكى ئومۇمى ۋەزىيەت توغرۇلۇق ئىچكىرىلەپ مەلۇماتلار ئىگىلىگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە ھەر ساھە خەلقئارا مۇخلىسلارنىڭ زىيارەتلىرى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىگەن ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى پاجىئەلىك تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە، خىتاي دۆلەت بايرىمىدىن بىر كۈن بۇرۇن چاقىرىلغان خىتايغا قارشى بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى توغرۇلۇق توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.