ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي، خىتاي مەھسۇلات بىخەتەرلىكى مەسىلىسى بۇيىچە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى

ياۋرۇپا ئىتتپاقى ئىستىمالچىلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان Meglena Kuneva نۆۋەتتە خىتايدا زىيارەتتە بولۇپ، ئۇ خىتاي تەرەپ بىلەن مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا.

0:00 / 0:00

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتى ۋە ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى مېگلېنا كۇنېۋانىڭ، ئەگەر خىتاي، مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى خىزمەتلىرىدە ئىسلاھات ئېلىپ بارمىسا، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋرۇپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ئېلان قىلدى.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەقىدە بۇ ھەقتە سىلەرگە مەلۇمات بېرىدۇ.

ياۋرۇپا ئىستىمالچىلار كومىتېتىنىڭ ئىش بېجىرىش خادىمى مېگلېنا كۇنېۋا خىتاي، مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۆزگەرتمىسە، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىشنى توختىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا سەلبىي پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

خىتاي بىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇش شۇنىڭدەك خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان، مېگلېنا خىتايغا قاراتقان زىيارىتىنى باشلىۋەتتى، ئۇ ئۆتكەن 12 ئاي ئىچىدە خىتايدا 3 قېتىم زىيارەتتە بولدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېگلېنا بېيجىڭدا خىتاي سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى چاڭجاڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىككى كۈندىن بېرى خىتاي خادىملىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئورگىنىنىڭ باياناتچىسى Helen Kearns نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي مەزكۈر مەسىلىدە خېلى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

مېگلېنا بۇ قېتىم يەنە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان مۇھىم ئۈچ پرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى، ئەركىن بازار بىلەن ئادىل رىقابەت ئېلىپ بېرىش، ئىككىنچىسى، خىتاي بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، ئۈچىنچىسى، ئىستېمالچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش دېگەن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى.

بېيجىڭدىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغان مېگلېنا يەنە گۇاڭدۇڭدىمۇ زىيارەتتە بولغان. گۇاڭدۇڭ خىتاينىڭ بالىلار ئويۇنچۇقى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلىرى مەركەزلەشكەن جاي بولۇپ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ نەزىرىدە " خەتەرلىك" مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى دەپ قارىلىدۇ. بۇ قېتىم خىتاي زاۋۇتلىرىنى تەكشۈرۈشكە مېگلېنا بىلەن بىرگە يەنە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىمۇ قاتناشقان.

ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئىستىمالچىلار مەنپەئەتىنى قوغداش ئورگىنىنىڭ باياناتچىسى ھېلېننىڭ ئېيتىشىچە " مېگلېنا يەنە، خىتايدىكى سۈپەت تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ياۋروپادىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر بىلەن زاۋۇتلارغا بېرىپ نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىشچىلارغا، بىخەتەر مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە ياساشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش ئىشلىرى ئېلىپ بارىدىكەن".

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكى مۇناسىۋىتى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، 2007 ‏ - يىلى ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىنغان بىخەتەر بولمىغان مەھسۇلاتلارنىڭ تەڭ يېرىمى خىتايدىن كىرگۈزۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مېگلېنا خىتاينىڭ مەھسۇلات بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆتكەن يىلى 3500 زاۋۇتنى تەكشۈرۈپ، 700 گە يېقىن زاۋۇتنىڭ تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىشتەك چارىلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ": بىز خىتاينىڭ يەنىمۇ ئاكتىپ بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز، بولۇپمۇ خىتاي تەرەپ سانلىق مەلۇماتلارنى بىزگە توغرا يوللاش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاش كېرەك، خاتالىقنى تۈزىتىش نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە" دېدى.

بۇ يىل 11 ‏ - ئايدا بىريۇسېلدا، ئامېرىكا، خىتاي ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئۆز - ئارا سۆھبەت باشلاپ، مەھسۇلاتلار ئۆلچىمى ۋە تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش قارارىنى بېكىتىدۇ.