د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئالاھىدە يىغىن چاقىرىپ پائالىيەت پىلانىنى ئۆزگەرتتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى 1-ئاينىڭ 26- كۈنى بېلگىيىدە ئالاھىدە يىغىن چاقىرىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانىنى تۈزۈپ چىققان.

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە گوللاندىيە، بېلگىيە، فرانسىيە، شۋېتسىيە، نورۋېگىيە، فىنلاندىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق 7 دۆلەتكە زىيارەت ئېلىپ بېرىپ ناھايىتى مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

بۇ پائالىيەت جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەر جان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، تەشۋىقات مەركىزى مەسئۇلى فەرھات مەمەت، باش تەپتىش نۇرمەمەت روزىئاخۇن ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى مەمەت توختى قاتارلىق كىشىلەر 1-ئاينىڭ 26- كۈنى بېلگىيىدە ئالاھىدە يىغىن چاقىرىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانىنى تۈزۈپ چىققان.

rabiye-yawropa-ziyariti-finlandiyediki-tatar-meschiti-385.JPG
د ئۇ ق رەھبەرلىرى فىنلاندىيە تاتار مەسچىتىنى زىيارەت قىلدى. 2011-يىلى 2-فېۋرال. (RFA/Erkin Tarim)

بىز بۇ يىغىن ۋە د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپادىكى 7 دۆلەتتە ئېلىپ بارغان زىيارىتى ھەققىدە خۇلاسە پىكىرلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى مەمەت توختى راديومىزغا قىلغان سۆزىدە، د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىغا ۋەكىل تەيىنلىگەندىن كېيىنكى تۇنجى زىيارىتى بولۇپ، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئىككىسىنىڭ د ئۇ ق ھەيئىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ياۋروپا پارلامېنتىدا قەشقەر توغرىسىدا چاقىرىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كېيىن ياۋروپا پارلامېنتىدا قەشقەرنى قوغداپ قېلىش قارارى ماقۇللىنىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بولسا، د ئۇ ق رەھبەرلىرى بېلگىيىدە ئۆتكۈزگەن ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت پىلانىغا بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ راديومىزغا قىلغان سۆزىدە دۇق بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىنى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانى مەركەز قىلغان ھالدا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگىمۇ يېيىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.