ياۋروپا پارلامېنتىدا 'ئۇيغۇرلار خىتاينى سۆھبەتكە چاقىرىدۇ' ناملىق خەلقئارا يىغىن ئۆتكۈزۈلمەكچى

4‏ - ئاينىڭ 29 ‏- ۋە 30 ‏- كۈنلىرى بېلگىيە پايتەختى برىيۇسېلدا "خىتاينى سۆھبەتكە چاقىرىش" ناملىق خەلقئارا يىغىن ئۆتكۈزىلىدۇ. نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەردىن يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئەزالىرى ۋە يىغىندا دوكلات بېرىدىغان چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر برىيۇسېلغا توپلانغان.

0:00 / 0:00

يىغىننىڭ قوشۇمچە تېمىسى "خىتاي ئاساسىي قانۇنىنى ئىجرا قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ھوقۇقىنى قوغداش"تۇر. مەزكۇر يىغىن يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك كومىسسارى كەتىرېن ئاشتون خانىم خىتاينى زىيارەت قىلىدىغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى بۇ يىغىن، نىكوللو رىنالدى، خەيدى خۇئاتالا، ئىۋا ۋىگېلغا ئوخشاش ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بېريۇسېلدىكى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بۇ قېتىمقى يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورگانلارنىڭ بىرى، مەركىزى گوللاندىيىدىكى ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى ئاندرىيۇ سۋان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئارىسىدا دىئالوگ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت - مۇددىئاسى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "بۇ يىغىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا قىلغان بېيجىڭ بىلەن دىئالوگ قۇرۇش توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى قىبلىنامە قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ يىغىن دىئالوگ قۇرۇش يولىغا قاراپ مېڭىش ئارزۇسىدا بىر قىسىم ئىلمىي خادىم ۋە ئوبزورچىلارنى يىغىپ، مەسىلىلەرنى سۆزلىشىش شۇنداقلا نەتىجىگە ئېرىشىشنىڭ ئەمەلىي مىساللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى چىقىش قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز سۆزلىشىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ھەق-ھوقۇقلارنى ئىجرا قىلىش مەسىلىسىدۇر. بۇنىڭدا بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى بۆلگۈنچىلىك، تېررورچىلىق تېرمىنلىرىغا دائىر مەسىلىلەرنى قايرىپ قويۇپ، قانۇندىكى ھەق-ھوقۇقلارنى قانداق قولغا كەلتۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلىمىز" دەپ كۆرسەتتى.

ئىككى كۈنلۈك بۇ يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى 3 قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر تۆۋەندىكى ئىككى كىچىك تېما ئاستىدا دوكلات بېرىدۇ ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ تېمىلارنىڭ بىرى، "ئىچكى قىسىمدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ئاساسىي قانۇن ھوقۇقى ۋە ئاپتونومىيە"، يەنە بىرى بولسا "خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى، ئاز سانلىقلارنى خىتاينىڭ ۋە خەلقئارانىڭ ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن قوغداش". يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى مۇزاكىرە تېمىسى بولسا "شەرقىي تۈركىستاندا كۆپ تەرەپلىمىلىك چۈشىنىشنى بەرپا قىلىش"تۇر. بۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ساھىپخانلىقىدىكى مەزكۇر يىغىننىڭ 4 ‏- قېتىم ئۆتكۈزۈلۈشى بولۇپ، قۇرۇلتاي باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بۇرۇنقى يىغىنلارغا قارىغاندا بىر ئاز "پەۋقۇلئاددە" ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى يىغىن، خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننى بېيجىڭغا يۆتكەپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننى تەيىنلىگەن مەزگىلگە توغرا كېلىپلا قالماي، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك كومىسسارى كەتىرېن ئاشتون خانىم 29 ‏- چېسلا خىتاينى زىيارەت قىلىدىغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى كەتىرېن ئاشتوننىڭ خىتاي زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە ئائىت بەزى نېگىزلىك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئاشتون خانىمنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا كومىسسارى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىگە دائىر مەسىلىلەرگە پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ 2009 ‏- يىلى 15 ‏- ئىيۇل كۈنى، "خىتايدا تىبەت، ئۇيغۇرغا ئوخشاش ئاز سانلىقلارنىڭ چەتكە قېقىش، كەمسىتىش ۋە يەكلەشكە ئۇچراۋاتقانلىقى"غا ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، مانا ئەمدى ئاشتون خانىمنىڭ برىيۇسېلدا ئىپادىلىگەن "كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى قەتئىي پوزىتسىيىسىنى بېيجىڭدا نامايەن قىلىش پۇرسىتى كەلگەنلىكى"نى تەكىتلىگەن.

ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىدىكى ئاندريۇ سۋان، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسارىنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى جىددىي رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ" :بىز بۇ زىيارەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ سەمىگە سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز يەنە، ئۇنىڭ خەلقئارا مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى كۈتىمىز. چۈنكى، بىز يېقىندا 22 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ كامبودژادىن قايتۇرۇۋېتىلىش ۋەقەسىنى كۆردۇق. مۇساپىرلارنىڭ ئىچىدىكى 2 كىشى ئىز ‏- دېرەكسىز يوقاپ كەتتى. خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا جىددىي كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەردە ياراتقان سەلبىي تەسىرىنى سۆزلىشىشىنى كۈتىمىز. بۇ سەلبىي تەسىرى ناھايىتى يامان بىر ۋەقە. بۇ ئۇيغۇرلارغا تەسىر قىلىدىغان ۋەقە بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە رايون ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر ۋەقەدۇر".

بېريۇسىلدىكى يىغىندا تىڭشىغۇچىلار، ئىتالىيە سىياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئېۋا پفوستلنىڭ "خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا تايىنىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى قوغداش" ، ئىتالىيىلىك ئاپتونومىيە مۇتەخەسسىسى توماس بەنەدىكتېرنىڭ " ياۋروپا ئاپتونومىيە سىستېمىسىدىكى مۇھىم نۇقتىلار ‏- ئاپتونومىيىنىڭ فونكىسىيىلىك رولىنى تەرتىپكە تۇرغۇزۇش" دېگەن تېمىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلايدۇ. ئىسرائىلىيە ھايفا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى يىتزاك شىخور "چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بېيجىڭغا قارشى تۇرۇشتىكى رولى"، ئامېرىكا كرىشتايىن ياڭ قانۇن شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتى نۇرى تۈركەل بولسا "ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش: ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى ئىزچىللىقىنىڭ مۇھىملىقى" دېگەن تېمىلاردا دوكلات بېرىدۇ.

دولقۇن ئەيسا بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاي بىلەن دىئالوگ قۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بار - يوقلۇقىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ چارە - تەدبىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن دىئالوگ قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دە نامايەن بولغانلىقىنى، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسى كىشىگە ئىلھام بەرمەيدىغانلىقىنى شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك كومىسسارى ئاشتون خانىمنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئۈمىدۋار پوزىتسىيە تۇتۇدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېريۇسىلدىكى ئىككى كۈنلۈك يىغىننىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىدۇ ھەم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.