سايلامغا كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار قاتناشتى. سايلامغا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. ھەر قېتىمقىغا ئوخشاش، بۇ نۆۋەتلىك سايلاممۇ شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى.
2006 - يىلىدىن 2012 - يىلى 8 - يانىۋارغىچە ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتەپ كەلگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سايلامدىن ئىلگىرى سۆز قىلىپ، تەشكىلاتنىڭ 5 يىلدىن بۇيانقى سىياسىي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى ئۈستىدە دوكلات بېرىپ ئۆتتى. دولقۇن ئەيسادىن كېيىن سۆزگە چىققان تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى گۈلنار خانىم ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ مالىيە ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىپ ئۆتتى.
يىغىن جەريانىدا، ئىلگىرى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىدا ۋەزىپە ئېلىپ خىزمەت كۆرسەتكەن گۈلنار خانىم، ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى ۋە ۋەلى ئەپەندىلەر ۋەتەن خىزمىتى يولىدا كۆرسەتكەن نەتىجىلىرى ئۈچۈن تەشكىلات تەرىپىدىن ئالاھىدە لايىھىلەنگەن لەۋھەلەر بىلەن تەقدىرلەندى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى مۇكاپات تارقىتىش ئالدىدا، ئۇلارغا يۇقىرى باھالارنى بەردى.
سايلامدىن ئىلگىرى شېھىتلەرگە ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى. سايلام دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىپ، ئابدۇجېلىل قارىھاجىم رەئىسلىكىدىكى 13 نەپەر يېڭى نامزات ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئىدارە ھەيئىتىدىن ئورۇن ئالدى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى، بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ دېموكراتىك پرىنسىپلارغا تولۇق ئەمەل قىلغان بىر سايلام بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ يېڭى رەئىسى ئابدۇجېلىل قارىھاجىم سايلامغا قاتناشقان جامائەتكە ئۆز ئىرادىسىنى ئىپادە قىلدى.