ئىلى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يايلاق ئېكولوگىيىسىنى ياخشىلاش ئۇقتۇرۇشىدا، خىتاي كۆمۈركان شىركەتلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقى تىلغا ئېلىنمىدى

ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 2011-يىلى 16-ئىيۇن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئوبلاست تەۋەسىدىكى يايلاق ئېكولوگىيىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، چارۋا بېقىش چەكلىنىدىغان يايلاق كۆلىمىنىڭ كېڭەيگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇ يىل ئەتىياز مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسىدىكى بىر قىسىم يايلاقلاردا مال بېقىش چەكلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ ئۇقتۇرۇش ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشكە باشلىغان. 4-ئايدىن باشلاپ ئىلى ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ناھىيىلەرمۇ ئايرىم-ئايرىم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بۇندىن كېيىنكى 5 يىل ئىچىدە ئىلى تەۋەسىدىكى بىر قىسىم يايلاقلاردا چارۋا بېقىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ئۆتكەن ھەپتە يېڭىدىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىلى ئوبلاستىغا قاراشلىق 51مىليون 292 مىڭ 600 مو دائىرىدىكى يايلاقتىن 4 مىليون 400 مىڭ مو دائىرىدىكى يايلاقتا چارۋا بېقىش چەكلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۇقتۇرۇشتا نارات يايلىقى، موڭغۇلكۈرە يايلىقى، توغرىسۇ يايلىقى قاتارلىق جايلاردىكى يايلاق ھەم تاغ رايونلىرىدا بۇ يىلدىن باشلاپ چارۋا بېقىش چەكلىنىدىغان ئورمان كۆلىمىنىڭ ئەسلىدىكى 25% تىن 35%ke كېڭەيتىلىدىغانلىقىنى، مال بېقىش چەكلىنىدىغان ئوتلاق كۆلىمىنىڭ ئەسلىدىكى 30% دائىرىدىن 70% دائىرىگە كېڭەيتىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇقتۇرۇشتا يەنە چارۋا بېقىش چەكلەنگەن يايلاقلاردا چارۋىچىلارغا ھەر يىلى ھەربىر مو يەر ئۈچۈن 50 يۈەن خەلق پۇلى ئەتراپىدا تۆلەم بېرىلىدىغانلىقىنى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ يايلاق ئېكولوگىيىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن 617 مىليون 940 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى مەبلەغ ئاجراتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا يايلاق ئېكولوگىيىسىنى ياخشىلاشتا رايوندا چارۋا بېقىش سەۋەبلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان يايلاقلارنى قوغداش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما، بۇلتۇر ئېچىلغان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن، رايوندىكى مول كۆمۈر زاپىسىنى ئېچىش ئۈچۈن، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا ناھىيىسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى، نىلقا ھەم كۈنەس قاتارلىق ناھىيىلەرگە يېڭىدىن يەرلىشىپ، دېھقان چارۋىچىلارنىڭ تېرىلغۇ يەر ھەم يايلاقلىرىنى مەجبۇرى ئىگىلىۋالغان خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن زادى قانچىلىك يايلاق ۋە تېرىلغۇ يەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىلى ئۇيغۇرلىرى بولسا، ئىككى يىلدىن بۇيان ئىلى تەۋەسىگە سىرتتىن كەلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يانتاياق بولۇشىغا تايىنىپ، ئىلى رايونىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ زور كۆلەمدىكى تېرىلغۇ يەر ھەم يايلاقلارنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىپ، بۇ يەرلەردە كۆمۈر كان قاتارلىق تۈرلۈك كان قۇرۇلۇشلىرى ئېلىپ بېرىپ، دېھقانلارنىڭ تىرىكچىلىك مەنبەسىنى ئۈزۈۋەتكەندىن سىرت، نۇرغۇنلىغان تېرىلغۇ يەر ھەم يايلاقلارنى ۋەيران قىلىپ، رايوندىكى سۇ مەنبەلىرىنى بۇلغاپ، ئىلى رايونىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى.