ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قازاق، ئۇيغۇر، قىرغىز، تاجىك، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلىق رايونلىرىغا قارىتا،" يايلاقلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ياخشىلايمىز"،" تاغلىق رايونلاردىكى كۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرىنى ئاچىمىز" دېگەن باھانىلەر بىلەن، چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرغان ھەم چارۋىچىلارنى كەسىپ ئۆزگەرتىشكە تەشكىللىگەن.
ھۆكۈمەت چارۋىچىلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇش رايوندىكى چارۋىچىلارنىڭ ئەسلىدىكى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان تىرىكچىلىك يولىنى تارايتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، نۆۋەتتە رايوندىكى چارۋىچىلارنىڭ نارازىلىقى يەنىلا كۈچلۈك بولماقتا ئىكەن.
ئىلى رايونىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى يىلدىن بۇيان غۇلجا ناھىيىسى، تېكەس، ناھىيىسى، موڭغۇلكۈرە، كۈنەس قاتارلىق ناھىيىلەردىكى چارۋىچىلارنىڭ يايلاقلىرىنى 19 ئۆلكىدىن كەلگەن خىتاي كان ئاچقۇچى شىركەتلىرى سېتىۋېلىشقا باشلىغان. ئەسلىدىكى يايلاقلىرىدىن ئايرىلغان بۇ چارۋىچىلار مۇقىم ئولتۇراق ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە ئۇلارغا خىتاي شىركەتلىرى ئىگىدارچىلىقىدىكى كۆمۈركانلاردا خىزمەت بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېھقان چارۋىچىلار ئۆز بايانلىرىدا، نۆۋەتتە يەنە نۇرغۇن چارۋىچىلارنىڭ" ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداش" سىياسىتى بىلەن مال-چارۋىلىرىنى ئەسلىدىكى كەڭرى يايلاقلاردا يايلىتىپ بېقىش ھالىتىدىن چەكلىنىپ، ماللىرىنى قوتاندا سولاپ بېقىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئۈچۈن، چارۋىچىلارنىڭ مال بېقىشتا زور چەكلىمىگە ئۇچراپ كىرىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ "تەڭرىتاغ " تور بېتىدە 23-دېكابىر ئېلان قىلغان چارۋىچىلارغا ياردەم بېرىش ھەققىدىكى دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا چارۋىچىلىقنى ئاساسى كەسىپ قىلغان چارۋىچىلار 1 مىليون 300 مىڭ بولۇپ، 2009-2010- يىلى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 2800 يۈەن ئەتراپىدا بولغان. دوكلاتتا يەنە، 2011-يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يايلاقلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان چارۋىچىلارنىڭ 2 مىليارد يۈەنگە يېقىن ئېكولوگىيىنى قوغداش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ كىشىلەر ئۆز بايانلىرىدا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يايلاقلىرىدىن ئايرىلغان چارۋىچىلارغا تۈرلۈك ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، چارۋىچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى تىرىكچىلىك مۇھىتىنىڭ تارىيىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھازىر چارۋىچىلار ئارىسىدا نارازىلىقنىڭ كۈچلۈك بولۇۋاتقانلىقىنى، يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان چارۋىچىلارنىڭ ھازىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارغا ئەرز قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى ئۆتكەن ئايدا يەنە، چارۋا بېقىش مەيدانلىرىدىن ئايرىلغان توقسۇن ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى جايلاشقان بېيجىڭغىچە بېرىپ، كوللېكتىپ ئەرز قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى بەرگەن ئىدى.
خىتايدا تىبەت، موڭغۇل، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە تاجىك قاتارلىق مىللەتلەر چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇلارنىڭ يايلاقلىرى "يايلاق ئېكولوگىيىسىنى ياخشىلاش"، "ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇش" دېگەن باھانىلەردە ئىگىلىنىۋېلىپ، نۇرغۇنلىغان چارۋىچىلار كەسىپ ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلانغان ئىدى.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان مىللەتلەرگە قاراتقان بۇ خىل سىياسىتى رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپلا قالماستىن بەلكى ب د ت قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئەيىبلىشىگىمۇ ئۇچرىماقتا.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ گۆش يېمەكلىكلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل خادىمى ئۆتكەن ئايدا خىتايدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلارنىڭ يايلاقلاردا ئەركىن مال بېقىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشى نەتىجىسىدە، خىتايدا چارۋىچىلارنىڭ ئەنئەنىۋى تىرىكچىلىك چەمبىرىكى تارىيىپ، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئۆرۈپ- ئادىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىنغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
0:00 / 0:00