دۇنيادا ئەنگلىيىگە ئوخشاش بەزى دۆلەتلەرنىڭ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى بىر يىلدا تەتىلگە قويۇپ بېرىش قېتىم سانى 6 قېتىمغا يېتىدۇ. گېرمانىيە بولسا ئەڭ ئۇزاق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدىغان دۆلەت بولۇپ 16 ھەپتىگە يېتىدۇ،ئامېرىكا بولسا ئەڭ ئۇزاق يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدىغان دۆلەت بولۇپ، يازدا ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچىلار ئۈچ ئايغا قەدەر تەتىل ۋاقتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەر ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچىلارنى ھەر ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ ئارىلىقىدا تەتىلگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق دائىملىق دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېسىمى يېنىكلىتىشنى مەقسەت قىلغان.
خىتاي بولسا، دۇنيادا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئەڭ ئاز ۋاقىت تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدىغان دۆلەتنىڭ بىرى، يەنى خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بېكىتىشى بويىچە خىتايدا بالىلار پەقەت قىشلىق ۋە يازلىق تەتىلدىن ئىبارەت ئىككى قېتىملا تەتىل قىلالايدۇ. بىر مەۋسۇملۇق ئېغىر ئوقۇش بېسىمى، تاپشۇرۇق، ئىمتىھانلاردىن چارچىغان بالىلار شۇنداقلا بالىلارنى تەربىيىلەش ئۈچۈن دەرس تەييارلىقى، كەسپىي ئۆگىنىش سىياسىي ئۆگىنىشلەر، خىلمۇ-خىل بېسىملاردىن چارچىغان ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارمۇ ھېچ بولمىغاندا يىلدا ئىككى قېتىم چارچىغان مېڭىسىنى ئارام ئالدۇرۇشى كېرەك. بۇمۇ كېيىنكى مەۋسۇملۇق ئوقۇ ئوقۇتۇشنىڭ نەتىجىلىك ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىنىڭ شەرتى، تەتىل قىلىش شۇنداقلا خىتاينىڭ مائارىپ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇق.
ئەمما خىتايدا جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىللىك ئارام ئېلىشتەك ئاساسلىق ھەق-ھوقوقلىرىمۇ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراپ كەلمەكتە.
ئاتا ئانىلارنىڭ مەكتەپلەرنىڭ بالىلارنى يازلىق تەتىلدىمۇ كوللېكتىپ تەربىيىلەش ۋە ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا نارازىلىق پىكرىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىدىن خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ بېشىدا يازلىق تەتىلدە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ دەرس تولۇقلاشقا ئوخشاش ئۆگىنىش پائالىيەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى قاتتىق چەكلەش توغرىسىدا جايلارغا مەخسۇس بۇيرۇق تارقاتقان. بۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى-3 ئىيۇل كۈنى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يازلىق تەتىلدە كوللېكتىپ دەرس تولۇقلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قاتتىق چەكلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتقان.
شىنجاڭ گېزىتىنىڭ دۈشەنبە ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا،بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ يازلىق تەتىلدىمۇ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى يەنىلا تۈرلۈك ناملار بىلەن دەرس تولۇقلاش كۇرسلىرىغا ئورۇنلاشتۇرماقتا بولۇپ، يازلىق تەتىل يەنىلا ئۈچىنچى مەۋسۇملۇق ئوقۇشقا ئوخشاپ قالغان. بۇ ئارقىلىق بىر قىسىم خىتاي مەكتەپلەر بالىلارنى ھەق ئېلىنىدىغان ھەر خىل دەرسلىكلەردىن يېتەكلەش، تولۇقلاش كۇرسلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىۋاتقان ئىكەن.
بەزى ئۇيغۇر ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، بولۇپمۇ يېزا، كەنتلەردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بالىلارنى تەتىللىك ئارام ئېلىشىدىن مەھرۇم قىلىدىغان ھالەت تېخىمۇ ئېغىر داۋام قىلماقتا. ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار، قوش تىللىق مائارىپ ئۆلچىمىگە يېتىش ئۈچۈن خىتاي تىلى تولۇقلاش كۇرسلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن باشقا، بولۇپمۇ سىياسىي تۈس ئالغان كوللېكتىپ تەربىيىلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك بىر ئەھۋال.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مائارىپ تارماقلىرى تور بەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىغا قارىغاندا، يازلىق تەتىلدە ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ دەرس تولۇقلاشقا ئوخشاش ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى قاتتىق چەكلەش توغرىسىدا مائارىپ تارماقلىرى چىقارغان ئۇقتۇرۇش بىلەن تەڭ، ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى مائارىپ تارماقلىرى يەنە «تەتىل مەزگىلىدە بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتقان.
يەنى توقسۇن مائارىپ تورى، بەش تاش مائارىپ تورى، توقسۇ مائارىپ تورى قاتارلىق تور بەتلەردە «يەرلىك مائارىپ تارماقلىرى تارقاتقان ئوخشاش مەزمۇندىكى «تەتىل مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش» ئۇقتۇرۇشىدا «ھەر قايسى مەكتەپلەر يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى مۇقىملىق خىزمىتىنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قاتارىغا قويۇپ ئىشلەش،چوقۇم دىجورنى ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسى ئوقۇتقۇچىلارنى نۆۋەتچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇپ نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى، مەكتەپ رەھبەرلىكى، پارتىيە ياچېيكىلىرى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى باشقۇرۇشى، مەسىلە سادىر بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان دەل ۋاقتىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىشى لازىم.» دېيىلگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جايلاردا ئېچىلغان مەخسۇس يىغىنلاردا، بۇ يازلىق تەتىل روزا مەزگىلىگە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى، روزا تۇتۇشى، مەسچىتكە كىرىشىنى قاتتىق چەكلەش ۋە بۇ توغرىلىق نازارەتنى كۈچەيتىش تەكىتلەنگەن.
توقسۇن مائارىپ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارە باشلىقى ئىلھام قېيۇمنىڭ سۆزىنى نەقىل ئالغان بولۇپ ئۇ مۇنداق دېگەن«ھەر قايسى مەكتەپ ياچېيكا شۇجىلىرى ۋە مۇدىرلىرى ئۆز مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ھەر ۋاقىت ئۇلارنى نازارەت قىلىپ تۇرۇشى، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ قېلىش، ئائىلە ئاپتوموبىلى بىلەن كىراكەشلىك قىلىش...... قاتارلىق ھەرىكەتلەردە بولۇشىنى توسۇش كېرەك، ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى كۈچەيتىش كېرەك». ئۇ بولۇپمۇ مۇقىملىق خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشنى تەپسىلىي تەكىتلىگەن.
خىتايدىكى مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك مەكتەپ بىلەن ئاتا-ئانىلار ئوتتۇرىسىدا بالىلارنى تەتىلدە دەرس تولۇقلاشقا ئورۇنلاشتۇرماسلىق، ئۇلارنىڭ كۆڭۈللۈك ساغلام تەتىل ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۇلارغا كۆپرەك ئەركىنلىك ۋە بوشلۇق بېرىشنى مەقسەت قىلغان مەسئۇلىيەت توختامى تۈزۈلگەن بولسا، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە مەكتەپ رەھبەرلىكى بىلەن ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا يازلىق تەتىلدە مۇقىملىقنى قوغداش، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلىرىگە قاتناشماسلىق توختامى تۈزۈلگەن.
رادىئويىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىشىچە، جايلاردا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ھەر يازلىق ۋە قىشلىق تەتىللىك دەم ئېلىشنىڭ ئوخشاشلا سىياسىي ئۆگىنىشلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مەكتەپكە ھەر ھەپتىدە بىر ياكى ئىككى قېتىم كېلىپ يوقلىمىغا قاتنىشىشقا مەجبۇر. ھەتتا بەزى مەكتەپلەر ئىككى ئايلىق يازلىق تەتىل ۋاقتىنى ئۆز ئالدىغا قىسقارتىپ، مەكتەپكە يىغىلىش ۋاقتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.