ئوقۇتقۇچىلار تەتىلدە ھاشارغا تۇتۇلدى
ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك مائارىپ ئۇچۇرلىرى ھەمدە بۇ ھەقتە ئىستانسىمىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپ تارماقلىرى بۇ يازلىق تەتىل كېلىشى بىلەن تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى پائالىيەتلىرىنى كونترول قىلماقتا. ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە ئەۋەتىپ تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ كەلمەكتە. ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا، دائىرىلەرنىڭ بۇ يازلىق تەتىلدە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى يەنىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشى رامزان ئېيىنىڭ يازلىق تەتىل مەزگىلىگە توغرا كېلىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، گەرچە يازلىق تەتىل دەم ئېلىش مەزگىلى بولسىمۇ، مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار ھەپتىدە بىر-ئىككى قېتىم يىغىۋېلىنىپ ئاتىئېزىم تەربىيىسى ۋە سىياسىي تەربىيىلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىكەن. شۇنداقلا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى، دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى چەكلەيدىغان تۈرلۈك كۈچلۈك چارە تەدبىرلەر يولغا قويۇلغان.
قەشقەر ۋىلايەتلىك مەھكىمە تورىنىڭ 3-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، قەشقەر شەھىرىدىكى بارلىق باغچە، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بۇ يازلىق تەتىلدە «مىڭلارچە ئوقۇتقۇچى، ئون مىڭلارچە ئائىلىنى يوقلاش» ھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، ئائىلىنى يوقلاش ۋەزىپىسىگە قويۇلغان ئوقۇتقۇچىلارغا يازلىق تەتىل بويى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىللىك پائالىيەتلىرى ئۈستىدىن ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈش ۋە تەربىيە ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسى بېرىلگەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى 100% تولۇقلاش، ئائىلە باشلىقى ۋە ئوقۇغۇچىغا كومپارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتى، دىنىي سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى سۆزلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ۋە بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىلىرىنى ئىشلەشكە ئوخشاش تەربىيىلەرنى قانات يايدۇرۇپ مائارىپ تارماقلىرىنىڭ تەتىل مەزگىلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان.
توقسۇن، ئاقسۇ، تۇرپان، قىزىلسۇ، باي مائارىپ تور بەتلىرىدىمۇ، جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ يازلىق تەتىلدىكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە دائىر ئوخشاش مەزمۇندىكى ئۇقتۇرۇش ھۆججەتلىرى قويۇلدى
كونا شەھەر لەڭگەر ئوتتۇرا مەكتەپ يازلىق تەتىل قويۇپ بېرىلىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا يەنى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى مەركەزلىك سىياسىي ئۆگىنىشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش چوڭ يىغىنى چاقىرىپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى، خىزمەتچىلەر تولۇق قاتناشقان بۇ يىغىندا ئاساسەن تەتىلدە بىخەتەرلىك، مۇقىملىققا تەھدىت تەسىر يېتىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتتىن خالى تۇرۇش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلار تەتىلدە سىياسىي ئۆگىنىشلەرگە تولۇق قاتنىشىش ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئائىلىدىكى ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تەكشۈرۈپ مەكتەپكە دوكلات قىلىپ تۇرۇش تەلەپ قىلىنغان ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىردەك روزا تۇتۇشىغا دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە قايتا ئاگاھلاندۇرۇلغان.
توقسۇن مائارىپ تورىغا قارىغاندا، توقسۇن مائارىپ ئىدارىسى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ناھىيە تەۋەسىدىكى بارلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرىگە يىغىن ئېچىپ رامزان ئېيى مەزگىلىدە ھەر قايسى مەكتەپلەردە تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىش، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، روزا تۇتۇشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.
يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى مۇقىملىق بىخەتەرلىك خىزمىتىنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قاتارىغا قويۇپ چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن
رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرىنىڭ قەشقەردىن يەتكۈزگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، كونا شەھەر ناھىيىسى مۇشت ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار 7-ئاينىڭ 12 كۈنى، خىتاينىڭ مائارىپ ۋە مائارىپ سىياسەتلىرى بويىچە سىياسىي ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە روزا تۇتماسلىق، دىنغا ئىشەنمەسلىك ھەمدە دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىشى، روزا تۇتۇشىنى قەتئىي چەكلەش ھەققىدە تەربىيە بېرىلگەن.
7-ئاينىڭ 16-كۈنى يەنە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، كىيىم كېچىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلىنى كۈچەيتىش بويىچە تەربىيىگە قاتناشتۇرۇلۇپ، ئەر ئوقۇتقۇچىلارغا، ساقال قويماسلىق، دوپپا كىيمەسلىك، ئايال ئوقۇتقۇچىلارغا مىللىي تۈس ئالغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك، ياغلىق، باش كىيىم ئارتماسلىق شەرتى قويۇلغان. خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.
قارىماي مائارىپ تورىنىڭ ئۇچۇرىدىمۇ، قارىماي مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بۇ يارلىق تەتىلدە قارىماي شەھىرىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش چارىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئائىلىلەرگە بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىللىك سىياسىي ئىدىيىۋى ئەخلاقى ئەھۋالىنى ئىگىلەشنى 100% تاماملاش تەلەپ قىلىنغان.
ئوقۇغۇچىلار يازلىق تەتىلدە يەنە بىر يېڭى مەۋسۇملۇق ئوقۇشتا
بۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇغۇچىلار قەرەللىك ھالدا ھەر ھەپتىدە ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم مەكتەپكە يىغىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار مەكتەپلەردە ھېچقانداق كۆڭۈل ئېچىش ياكى مەدەنىيەت خاراكتېرى بولمىغان پەقەت ۋە پەقەت سىياسىي مەزمۇندىكى پائالىيەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا ئىكەن. قەشقەر ۋىلايەتلىك مەھكىمە تورىنىڭ 6-ئاۋغۇست خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، قاغىلىق بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ بۇ يازلىق تەتىلدە ناھىيىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بارىدىغان بازا قىلىنغان. يېقىندا بۇ مەكتەپكە «ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە تەشەككۈر بىلدۈرۈش ئىدىيىۋى ئەخلاق تەربىيە بازىسى» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلىپ، ھەر قايسى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نۆۋەت بىلەن ئېكسكۇرسىيىگە ۋە بۇ جايدا يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىگە قاتناشتۇرۇلماقتا ئىكەن.

تەتىللىك باشقۇرۇش تۈزۈمى بويىچە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ھەر ھەپتىنىڭ تاق كۈنلىرى، بولۇپمۇ جۈمە كۈنى چوقۇم مەكتەپكە كېلىپ يوقلىمىدىن ئۆتۈشى، سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتنىشىشى شەرت قىلىنغان، ئەگەر باشقا يۇرتلارغا زىيارەت، تۇغقان يوقلاشقا بارماقچى بولسا، مەكتەپ ۋە مائارىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ۋاقتى ۋە زىيارەت سەۋەبىنى كۆرسىتىپ ئېنىق يازما شەكىلدە ئىلتىماس سۇنۇشى شەرت بولۇپ، ھەر قانداق ئەھۋالدا بۇ شەرتلەرگە بويسۇنمىغانلار تۈرلۈك شەكىلدە مەمۇرىي جازاغا تارتىلىدىكەن، تەنقىد ھەم تەنبىھگە ئۇچرايدىكەن.
رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن شۇنداقلا بۇنىڭغا ماس ھالدا ئېلىپ بارغان زىيارەتلىرىمىزدىن، ئۇيغۇر ئېلىدە داۋام قىلىۋاتقان خىتاينىڭ مائارىپ قانۇنىغا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىگە دەخلى تەرز قىلىش، كۈچلۈك كونترول قىلىش تەدبىرلىرى پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلىۋاتقان بولۇپ، تەتىل مەزگىلىدىكى بۇ خىل بېسىملار ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا ئانىلارنىڭ تەنقىدى ھەم نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.
بۇنىڭ ئالدىدا،نۇرغۇن مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «قوش تىل سەۋىيىسىنى تولۇقلاش» باھانىسىدە قىشلىق تەتىلگىمۇ قويۇپ بېرىلمىگەن ئىدى.
