يەكەن بازىرىدىكى بىر تۈركۈم ئاھالىلەر، خىتاي دائىرىلىرى بىلەن غەۋغالىشىپ ئىككى بىنانى چېقىلىشتىن توسۇپ قالدى

يەكەن بازارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، بازارنىڭ سەيچى كەنتىدىكى ئاھالىلەرگە تەئەللۇق بولغان ئىككى بىنانى ئاھالىلەرنىڭ ماقۇللۇقىسىز بىر خىتاي شىركىتىگە سېتىۋەتكەن ھەم ئاھالىلەرگە ھېچقانداق تۆلەم بەرمىگەن. ئاھالىلەر بازارلىق ھۆكۈمەتكە بېرىپ بىنانىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلسا، دائىرىلەر دەسلەپتە بىنانىڭ سېتىلغانلىقىنى ئۇلاردىن يوشۇرغان؛ پەقەت بۇ يىل 1 - ئاينىڭ ئاخىرىدىلا بىنانىڭ سېتىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئاھالىلەر ئىككى بىنانى نۆەتلىشىپ مۇھاپىزەت قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ بىنانى چېقىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا.

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، تۈنۈگۈن يەنى 12 - ئاپرىل كۈنى يەكەن بازارلىق ئۆي چىقىش ئەترىتى مەزكۇر ئىككى بىنانىڭ ئەتراپىغا يىپ تارتىپ، بىنانى چېقىشقا ھەرىكەت قىلغان. بۇنىڭ بىلەن سەيچى كەنتىدىكى 100دىن ئارتۇق كىشى بىنا ئەتراپىغا توپلىنىپ، ئۆي چېقىش ئەترىتى ۋە دائىرىلەر بىلەن غەۋغالاشقان ۋە توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىنى توسۇپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. غەۋغا كۈچەيگەندە، ۋەقەنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلغان خىتاي دائىرىلىرى ئاخىرى ئاھالىلەرنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولغان ۋە ئۆي چېقىش ئەترىتىنى ۋاقتىنچە قايتۇرۇپ ئەكەتكەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، تۈنۈگۈن يەنى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، يەكەن ناھىيە بازىرىنىڭ سەيچى كەنتىدىكى ئاھالىلەر ۋە بازارلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئارىسىدا غەۋغا يۈز بەرگەن. غەۋغا چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تىن 7گە قەدەر 3 سائەت داۋام قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەنىڭ سەۋەبى مۇنداق. سەيچى كەنتى 1984 - يىلى يەر تەقسىم قىلغاندا، ھەر بىر ئائىلىدىن 2 پۇڭدىن يەر قىسىپ قېلىپ، جەمئىي 132 مو يەرنى كوللىكتىپنىڭ مۈلكى قىلىپ بېكىتكەن ۋە بۇ يەردىن قىلىنغان كىرىمنى ئاھالىلەرگە تەڭ تەقسىم قىلىشقا كېلىشكەن. كېلىشىم بويىچە، بۇ كوللىكتىپكە تەۋە يەرنىڭ 16مولۇق بىر پارچىسىغا بىر مېھمانخانا ۋە ۋە بىر خىزمەت بىناسى سالغان ۋە كىرىم قىلىشقا باشلىغان. يەكەندە يەر باھاسى ئۆرلىگەندىن كېيىن، دائىرىلەر بۇ ئىككى بىنانى بىر خىتاي شىركىتىگە سېتىۋەتكەن. ئەمما سېتىشتا، بۇرۇنقى كېلىشىمگە پۇتۇنلەي خىلاپ ھالدا، ئاھالىلەرنىڭ ماقۇللىقىنىمۇ ئالمىغان، ئاھالىلەرگە ھېچقانداق ھەقمۇ بەرمىگەن.

تۈنۈگۈن سەيچى كەنتنىڭ ئاھالىلىرى قاتتىق بىر مەيدان قارشىلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن، ناھىيە رەھبەرلىرى ۋەقەگە دەرھال ئارىلاشقان، ۋەقەنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورققان ناھىيە رەھبەرلىرى بازارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئىشنى چوڭايتماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان. ساقچى ۋە ئۆي چاققۇچىلارنى مەيداندىن تارقىتىۋەتكەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، گەرچە سەيچى كەنتىنىڭ ئاھالىلىرى تۈنۈگۈنكى قارشىلىقلىرىدا قىسمەن نەتىجە قازانغان بولسىمۇ، ئەمما، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مەسىلە يەنى بۇ ئىككى بىنانىڭ پۇلىنى قانداق ۋە قانچىلىكتىن تەخسىم قىلىش مەسىلىسى تېخى ھەل بولمىغان.