يەكەندە كوچا چارلاش ساقچىلىرى كۆپەيتىلدى

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى باشقۇرۇش ۋە نازارەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە يېڭىدىن 400 نەپەر كوچا چارلاش ساقچىلىرىنى كۆپەيتكەن.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر 10-ئايدىن بۇيان قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ھەرقايسى ناھىيىلەرنىڭ تىنچ مۇھىتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ناھىيىلەردە ئەسلىدىكى ساقچىخانىلار كېڭەيتىلىپ ساقچىلار كۆپەيتىلگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ساقچىلارغا ئالىي تېخنىكوم ياكى ئوتتۇرا تېخنىكومدىن يۇقىرى مەلۇماتلىق بولۇش تەلىپى قويۇلغان بولۇپ، ئۇلار بۇلتۇر 10-ئاي مەزگىلىدە ئېلىنغان دۆلەت مەمۇرى خادىملىرىنى تاللاش ئىمتىھانىغا بىر تۇتاش قاتناشقانلار ئارىسىدىن تاللىۋېلىنغان ئىكەن.

خەۋەردە قەشقەر تەۋەسىدە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ساقچىلارنىڭ كونكرېت سانى، مىللەت تەركىبى ھەم قانداق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن. ئەمما بۇلتۇرقى دۆلەت مەمۇرلىرىنى تاللاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، يەكەندىكى مەلۇم ساقچىخانىدا چارلاش ساقچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇر ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق، قەشقەر تەۋەسىدىن 400 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىنغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ساقچى خادىمى بىزگە، بۇلتۇر قوبۇل قىلىنغان ساقچىلارنىڭ ئۈرۈمچى ساقچى مەكتىپىدە 6 ئاي تەربىيىلىنىپ، 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى رەسمىي ئىشقا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ساقچى خادىمى مۇخبىرنىڭ يەكەننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگىنىدە تولىمۇ يۇمۇرلۇق قىلىپ، «بۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتى تىنچ، بىز ئۇيغۇرلار قۇلىقى ئەڭ يۇمشاق خەلق» دەپ جاۋاب بەردى. ئارقىدىنلا ئۇ مۇخبىرنىڭ 19-ئاپرېل قەشقەردە بىر نەپەرنىڭ ئۇيغۇرنىڭ 6 نەپەر خىتاينى پىچاق بىلەن يارىلاندۇرۇپ، ئارقىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ۋەقە ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىشتىن باش تارتىپ، «بىز ئاڭلىمايمىز بۇنداق گەپلەرنى، ھەرقايسىڭلار نەدىن ئاڭلايسىلەركىن؟» دېدى.

مۇخبىر ئۇنىڭدىن ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تىنچ دەپ تەشۋىق قىلىدۇ؟ ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ساقچىلارنى كۆپەيتتى ؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «شۇ، ھۆكۈمەت ۋەزىيەتنى تىنچىتىمىز دەپ ساقچىلارنى كۆپەتتى» دەپ جاۋاب بەردى.

بۇ ساقچى خادىمى يەنە قەشقەر ۋىلايەت تەۋەسىدىن يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ساقچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ساقچى خادىملىرى ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كۆپەيتىش قارارىغا ئاساسەن بولغانلىقىنى، شۇنداقلا يەكەن تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر ساقچىلىرىنىڭ ھەر كۈنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا تولۇق قوراللانغان ھالدا كوچىغا چىقىپ چارلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇخبىرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەسلىدىكى كەسپىنى ئۆزگەرتىپ، ساقچىلىق كەسپىنى تاللىۋالغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ھازىر ساقچى بولغانلارنىڭ مائاشى دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ مائاش ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىلگىنى ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگىتىپ ئۇزۇن يىل ئىش كۈتۈپ تۇرغان ھەم ئەسلىدە خىزمىتى بار بولسىمۇ، لېكىن مائاشى تۆۋەن بولغىنى ئۈچۈن، تۇرمۇشىنى قامداشقا ئامالسىز قالغان ئۆزىگە ئوخشاش ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەسلىدە ئوقۇغان كەسىپلىرى بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى بولمىغان ساقچىلىق كەسپىنى تاللىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەر بىر ئائىلىدىن بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بەلگىلىمىسى تۈزۈپ، دۆلەت مەمۇرى ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئەمما رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى مۇھىت ئاسراش ئىدارىلىرىنىڭ تازىلىق خادىملىرى، يېزا كادىرلىرى، پىلانلىق تۇغۇت، ساقچى، ئامانلىق قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھالبۇكى بۇلتۇردىن باشلاپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تۈركۈم-تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە قايتا تەربىيىلىنىش نامىدا ئەۋەتىلىشكە باشلىغان. ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىگە بولسا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگىتىپ خىزمەت تاپالمىغان خىتايلار «شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى زەربىدارلار» نامىدا تۈركۈملەپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشقا باشلىغان. خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن بۇ يېڭى كۆچمەنلەر يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەرگە قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى ھەم ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئىقتىدارلىق خادىم دېگەن ناملاردا ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا ئىكەن.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە 10 يىلدىن بۇيان غەربنى ئېچىش نامىدا ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكىگىنى ئۈچۈن، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىكچىلىك مۇھىتى تارىيىپ كېتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ھەسسىلەپ ئاشقان. 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى بولغان. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىپ، رايوندا ئۆزى ئارزۇ قىلغان «تىنچ تەرەققىيات مۇھىتى»نى بەرپا قىلىش، تېخىمۇ كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، رايوندا ساقچى ھەم قوراللىق ساقچىلارنى ھەسسىلەپ كۆپەيتكەن. لېكىن مەتبۇئات ساھەسىدە بولسا، ئۆزىنىڭ بۇ مۇددىئاسىنى پەردازلاپ، «رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەردىن بولغان ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق» دەپ تەشۋىق قىلغان بولسا، ئۆزىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى يوشۇرۇپ، «رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن تىنچ، مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياراتتۇق»دەپ تەشۋىق قىلماقتا ئىكەن.