يەمەننى 33 يىل سورىغان يەمەن پرېزىدېنتى ئېلى ئابۇللاھ سالېھنىڭ ئىستېپانامىسى ھەققىدىكى ئىشلاردىن تولۇق خەۋەردار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، يەمەن پرېزىدېنتى سالېھ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە قىستايدىغان كېلىشىمگە بۇ نۆۋەت رەسمىي ئىمزا قويغان. مەزكۇر كېلىشىم بويىچە، ئېلى ئابدۇللاھ سالېھنىڭ ھوقۇقى رەسمىي بىكار قىلىنىپ، ئورنىغا نۆۋەتتىكى مۇئاۋىن پرېزىدېنت ئابدۇرەبۇھ مەنسۇر ھەدى بېكىتىلىدىكەن.
كېلىشىم چارشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رىياد شەھىرىدە ئىمزالانغان بولۇپ، كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇراسىمغا سەئۇدى پادىشاھى ئابدۇللاھ ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتناشقان.
تۇنىس ۋە مىسىر قاتارلىق ئەرەب ئەللىرىدە ئوتكەن يىلنىڭ ئاخىرى باشلانغان «ئەرەب باھارى» ناملىق ئىنقىلاب غەلىبە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىنقىلاب ئوتلىرى يەمەن، سۈرىيە، ۋە لىۋىيە قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە تۇتاشقان ئىدى.
تۇنىس، مىسىر ۋە لىۋىيە رەھبەرلىرى نامايىش ۋە قوزغىلاڭلار ئارقىلىق ئاغدۇرۇلغان ئىدى. يەمەن پرېزىدېنتى سالېھنىڭ ئىستېپانامىگە ئىمزا قويۇشى بىلەن «ئەرەب باھارى» ئىنقىلابى ئوتتۇرا شەرقتە ئاغدۇرغان ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى 4 كە يەتتى.
ئېلى ئابدۇللاھ سالېھ 1973 - يىلىدىن بۇيان يەمەندە ھوقۇق تۇتۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن 33 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ يەمەننى پۈتۈنلەي دىكتاتورىلىق بىلەن سورىغانلىقى مەلۇم.
سالېھ يەمەندە قارشىلىق نامايىشى باشلانغاندىن بۇيان نامايىشلارنى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ باستۇرغان ۋە ئاخىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇرلانغان بولسىمۇ، كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشتىن بىر نەچچە قېتىم يېنىۋالغان ئىدى.
گەرچە ئۇ بۇ نۆۋەت كېلىشىمگە ئاخىرى ئىمزا قويغان بولسىمۇ، يەمەن سىياسىي سەھنىسىدە يەنە قانچىلىك ئىمتىيازنى ساقلاپ قالغانلىقى نامەلۇم.
سالېھنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە قىستاپ كېلىۋاتقان ئوباما ھۆكۈمىتى سالېھنىڭ ئىستېپا بەرگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سالېھ نۆۋەتتە رىياد شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ يەمەنگە قايتىدىغان ياكى قايتمايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.
سالېھ بۇ يىل 6 - ئىيۇل بومبا ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئېغىر يارىلانغاندىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ داۋالانغان ۋە بىر مەزگىل شۇ يەردە تۇرۇپ قالغان ئىدى.
ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇننىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، سالېھ چارشەنبە كۈنى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، داۋالىنىش ئۈچۈن نيۇ - يورك شەھىرىگە كېلىشىنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ بۇ ھەقتە تېخى رەسمىي ئىلتىماس سۇنمىغان.
يەمەن پرېزىدېنتىنىڭ ئىستېپانامىگە ئىمزا قويغانلىقى ئاشكارىلانغان مەزگىلدە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم 2011 - يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ۋە «ئەرەب باھارى» ئىنقىلابىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى تەۋەككۈل كەرماننى كۈتۈۋالدى.
ھىلارىي كلىنتون خانىم بۇ خۇسۇسىدا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا ئامېرىكىنىڭ يەمەندە دېموكراتىك ئۇسۇلدا ھۆكۈمەت ئالمىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا يەمەندە دېموكراتىك ئۇسۇلدا ھۆكۈمەت ئالمىشىشىنى، يەمەندىكى بارلىق خەلقنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆز يېتەكچىلىرى ۋە كەلگۈسىنى تاللاش ھوقۇقىنى قوللايدۇ.
ئۇ يەنە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ يەمەندە ئىنقىلاب قوزغاپ نەتىجىگە ئېرىشىۋاتقان ياشلار ۋە يەمەن خەلقى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا، تەۋەككۈل كەرمان خانىممۇ سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز يەمەننىڭ كەلگۈسى. ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىمىز نەتىجىسىدە سالېھ ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى زاۋال تاپتى.
2001 - يىلى 27 - يانۋار 10 مىڭدىن ئارتۇق يەمەن ياشلىرى يەمەندىكى ئىشسىزلىق، چىرىكلىك ۋە ئادالەتسىزلىككە ئېتىراز بىلدۈرۈپ يەمەن پايتەختى سانا شەھىرىدە نامايىش قىلغان. بۇ نامايىش ۋە شۇندىن كېيىنكى تىنچ يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلار باستۇرۇلغاندىن كېيىن، يەمەندىكى نامايىشلار قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلانغان ئىدى.
سالېھنىڭ، يەمەن خەلقىنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسى ۋە يەمەندە بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان قوراللىق توقۇنۇشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئاخىرى ھوقۇقىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى مەلۇم.