نامايىشنىڭ دەسلەپكى ھەپتىلىرىدە خەلقنىڭ قەتئىي تەلىپى ئالدىدا، چارىسىزلىقتىن شەرت بىلەن تەختتىن چۈشۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئۆز ئېغىزى بىلەن ئېيتقان يەمەن رەئىسى ھازىر نامايىشچى خەلقنى ئىچكى ئۇرۇش قوغداش تەھدىتى بىلەن جىمىتىشقا ئۇرۇنماقتا.
يەمەن رەئىسى سۆزىدىن يېنىۋالدى
ئەرەب قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى مۇندىن ئىلگىرى يەمەنلىك نامايىشچىلار بىلەن يەمەن رەئىسى ئېلى ئابدۇللا سالىھ ئوتتۇرىسىدا كېلىشتۈرمىچىلىك رولىنى ئويناپ، يەمەندىكى قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن مەخسۇس شەرتنامە ھازىرلاپ چىققان ئىدى. ئۇنىڭدا بىر ئايلىق مۇددەت ئىچىدە ئېلى ئابدۇللا سالىھنىڭ ھاكىمىيەتتىن چۈشۈپ بېرىشى شەرت قىلىنغان ئىدى. بۇنىڭغا بىنائەن تۈنۈگۈن 22-ماي كۈنى يەمەنلىك نامايىشچىلارنىڭ ۋەكىللىرى سانئا شەھىرىدە بۇ شەرتنامىنى ئىمزالىغان بولسىمۇ، يەمەن رەئىسى ئىمزالاشتىن ۋاز كەچتى ۋە تەختتىن چۈشمەيدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلىپ، نامايىشچىلار ئەگەر پەيلىدىن يانمايدىغان بولسا، يەمەندە ئىچكى ئۇرۇش قوزغايدىغانلىقى بىلەن نامايىشچىلارغا تەھدىت قىلماقتا.
تەھلىلچىلەرگە كۆرە، ئېلى ئابدۇللا سالىھ دەسلەپتە ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ تەكلىپىنى قارشى ئالغان، تەختتىن ھامان چۈشمەستىن، بەلكى بىر ئايدىن كېيىن چۈشۈپ بېرىش تەلىپىنىمۇ ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭ پىكرىدە جىددىي ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۆزى بىلەن خەلقى ئوتتۇرىسىدا كېلىشتۈرمىچىلىك رولىنى ئوينىماقچى بولغان ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىنى يەمەنگە سۇيىقەست پىلانلىغان دەپ تۆھمەت قىلىپ، نامايىشچى خەلقنى قەتئىي باستۇرىدىغانلىقىنى جار سالماقتا. ئېلى ئابدۇللا سالىھنىڭ پىكرىدىكى مۇنداق ئۆزگىرىشكە مىسىر رەئىسى مۇبارەكنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقانلىقى تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى يەمەن رەئىسى مۇبادا تەختتىن چۈشۈپ بەرسە ئۇنى سوتلىمايدىغانلىق ھەققىدە كاپالەتكە ئىگە بولالمىغان.
قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 2011-يىلى 23-ماي دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەمەندە يەنە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى داۋام قىلماقتا ئىكەن. نامايىشچىلارنىڭ تەلىپىنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلغان يەمەن رەئىسى ئۇلارنى قايسىبىر چارىلەرنى قوللىنىپ باستۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلماقتا ئىكەن.
يەمەن رەئىسى كېلىشتۈرگۈچىلەرنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى
يەمەندە چىقىدىغان «ئەھالى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى مۇھەممەد جەرادى 2011-يىلى23-ماي كۈنى «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «يەمەن رەئىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى باياناتى يەمەن خەلقىنىڭ مەسىلىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش ئۈمىدىنى يوققا چىقىرىدىغان بىر بايانات بولدى. ئۇنىڭ باياناتىدىن ئىچكى ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق پۇراپ تۇرىدۇ. ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى ۋە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى يەمەن ۋەزىيىتىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش يولىدا كۆپ كۈچ چىقارغان ئىدى. تۈنۈگۈن ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى رەسمىي رەت قىلدى ۋە ئۇلارنى يەمەنگە سۇيىقەست قىلغۇچىلار دەپ ئەيىبلىدى. ئەمەلىيەتتە ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ بەرگەن تەكلىپلىرى ۋە شەرتلىرىنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاۋۋال يەمەن رەئىسى ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ تەكلىپى خەلققە پايدىلىق بولۇشتىن ئاۋۋال، يەمەن رەئىسىنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىلىق ئىدى. ئەمما يەمەن رەئىسى ئۇنى رەت قىلدى ۋە ئىچكى ئۇرۇش قوزغاش بىلەن بىزنى تەھدىت قىلماقچى بولدى. بۇ ئىشتا زىيان تارتىدىغىنى چوقۇم يەمەن رەئىسى بولىدۇ. خەلق زىيان تارتمايدۇ. چۈنكى ئاخىرقى غەلىبە خەلققە مەنسۇپ ئىكەنلىكىگە ھەممىمىز ئىشىنىمىز. بىز نامايىشنى داۋام قىلدۇرىمىز، ئېلى ئابدۇللا سالىھ تەختتىن چۈشمىگۈچە توختىمايمىز.»