يەمەندە ئىچكى ئۇرۇش باشلاندى

يەمەندە رەئىس ئېلى ئابدۇللا سالىھ مۇندىن ئىلگىرى خەلقنى تەھدىت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشىنى تۈنۈگۈن 2011-يىلى 25-ماي كۈنى رەسمىي باشلاتتى.

0:00 / 0:00

ئۇ ئىچكى ئۇرۇشنى نامايىشچىلارنىڭ باش يېتەكچىسى ۋە يەمەندىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئەڭ چوڭ قەبىلە-ئەھمەر قەبىلىسىنىڭ باشلىقى شەيخ سادىق ئەھمەرنىڭ ئۆيىگە زەمبىرەك ئوقى ئېتىش بىلەن باشلاتتى.

مۇندىن ئىلگىرى رەئىسى ئېلى ئابدۇللا سالىھ نامايىشچى خەلقنىڭ تەلىپىنى ئورۇندىماسلىق ئۈچۈن ئۇلارغا ھەر خىل ۋەدىلەرنى بېرىپ، گاھ تەختتىن چۈشۈپ بېرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ۋاقىت قازىنىش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلگەن. ئۇ 33 يىلدىن بىرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ھاكىمىيىتىنى قولدىن بېرىشنى ھەرگىز خالىمىغان.

يەمەن رەئىسى سالىھ كازافىينىڭ يولىنى تۇتتى

تەھلىلچىلەرگە كۆرە، يەمەن رەئىسى ئېلى ئابدۇللا سالىھ مىسىر رەئىسى ھۆسنى مۇبارەككە ئوخشاش تەختتىن چۈشۈپ بېرىپ، ئارقىدىن خەلق تەرىپىدىن سوتلانغاندىن كۆرە، لىۋىيىنىڭ كازافىيسىغا ئوخشاش خەلقنىڭ قېنى بەدىلىگە ھاكىمىيىتى ساقلاپ قېلىش يولىدا ئاخىرغىچە ئېلىشىشنى تاللىغان بولۇشى ئېھتىمال.

قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 2011-يىلى 26-ماي پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەمەندە 25-ماي كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغان. شۇ كۈنى بىر كۈننىڭ ئىچىدە 28 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ ۋەقەنى يەمەن ھۆكۈمىتى خۇددى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا شەھەردە بىر قورال ئامبىرىنىڭ پارتلاپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن دەپ يۆگەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، نامايىشچىلار يەمەن ئارمىيىسىنىڭ رەسمىي توپ-زەمبىرەك ئېتىپ ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئوچۇقلىغان.

ئىچكى ئۇرۇشتا زىيان تارتىدىغان تەرەپ يەمەن رەئىسىدۇر

يەمەندىكى ئەڭ چوڭ قەبىلە ۋە ھازىرقى خەلق نامايىشنىڭ بىردىنبىر قوللىغۇچىسى بولغان ئەھمەر قەبىلىسىنىڭ باشلىقى شەيخ سادىق ئەھمەر 2011-يىلى 26-ماي پەيشەنبە كۈنى «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:
-يەمەن رەئىسى ئېلى ئابدۇللا سالىھنىڭ ئادەملىرى مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن تۈنۈگۈن مېنىڭ ئۆيۈمگە توپ زەمبىرىكى ئاتتى ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە مېنى «ئۆيىنىڭ يېنىدىكى قورال ئىسكىلاتىدىن چىققان پارتلاشتا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن» دېگەن خەۋەرلەرنى تارقاتتى. بۇ بىرىنچىدىن يالغان خەۋەردۇر. مانا مەن ھاياتمەن، سۆزلەۋاتىمەن. ئىككىنچىدىن نامايىشچى خەلقنىڭ مەنىۋىيىتىنى ئۆچۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئېلى ئابدۇللا سالىھ بىلەن نامايىشچى خەلقنىڭ ئوتتۇرىسىدا كېلىشتۈرمىچىلىك رولىنى ئوينىغان ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىمۇ ئېلى ئابدۇللا سالىھنىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىلماقتا. ئېلى ئابدۇللا سالىھ ئىچكى ئۇرۇش دەپ باشلاتقان بۇ ئۇرۇش ئەمەلىيەتتە مېنىڭ قەبىلەم بىلەن ئېلى ئابدۇللا سالىھ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش بولۇپ، ئۇرۇشنى ئۆزى باشلاتتى. ئەمما توختىتىش بىزنىڭ قولىمىزدا بولىدۇ. قاچانىكى ئېلى ئابدۇللا سالىھ ئەقلىنى تېپىپ تەختتىن چۈشۈپ بېرىدىكەن ۋە بىزگە قارشى ئۇرۇشنى توختىتىدىكەن، بىز شۇ ۋاقىتتا قورالنى تاشلايمىز. مېنىڭ سېپىمدە يەمەننىڭ ئەڭ كۈچلۈك قەبىلىلىرى ۋە يەمەن ئارمىيىسىدىن چېكىنىپ چىققان قوماندانلار بار. بىز ئېلى ئابدۇللا سالىھقا تېتىغۇدەك كۈچكە ئىگىمىز. بۇ ئۇرۇشتا زىيان تارتىدىغان تەرەپ چوقۇم ئېلى ئابدۇللا سالىھتۇر. ئارتۇق قان تۆكۈلمەسلىكى ئۈچۈن بارچە ئەرەب دۆلەتلىرى ئېلى ئابدۇللا سالىھنى تەختتىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلىتىشى لازىم.